قۇرئان ۋە ھەدىس
قۇرئان ۋە ھەدىس
February 10, 2025 at 11:36 AM
ئاللاھنىڭ «ئەلغەفۇر» ۋە «ئەلۋەدۇد» دېگەن ئىسمى ھەققىدە Mujtehid.com ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: {وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ}{ئاللاھ غەفۇردۇر(تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قايتقۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر)، ۋەدۇدتۇر (ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى بەك ياخشى كۆرگۈچىدۇر).} (قۇرئان: 85:14) ئەلغەفۇر ۋە ئەلۋەدۇد ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ئىككى ئىسىمدۇر. «ئەلغەفۇر» — گۇناھلارنى ھەددىدىن زىيادە مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر. يەنى، (گۇناھلىرىدىن يېىپ، تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قايتقان) گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىپ، سوراققا تارتماي كەچۈرۈۋەتكۈچى ئاللاھ مەنىسىدە. «ئەلۋەدۇد» — ئ‍ۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ۋە غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىتائەتكار بەندىلىرىگە يېقىن بولغۇچى ئاللاھ مەنىسىدە. (شرح العقيدة الواسطية للهراس، 175-بەت) https://t.me/tewhidnuri

Comments