
Almirsad Uyghur
February 1, 2025 at 04:22 AM
دائىش؛ ياۋايىلىق ۋە ۋەھشىيلىككە ئىنتىلىدىغان بىر گۇرۇھ
ئەھمەد خۇراسانىي
پۈتۈن دۇنيا زۇلۇم ۋە قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن مەزگىلدە، دائىش گۇرۇھى بۇ ئىنسانىي ئوت ئويۇنلىرىغا ئوتۇن تاشلاپ ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتتى. بۇ رادىكال گۇرۇھنىڭ لۇغىتىدە پەقەت ۋەھىمە ۋە زوراۋانلىقلا بار.
بۇ گۇرۇھ ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادى قورقۇنچ پەيدا قىلىش ۋە ۋەھىمە تارقىتىشقا ئاساسلانغان. ئۇلار تىنچ-ئىناق ياشاش توغرىسىدا پەقەتلا ئويلانمايدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ نەزەرىيىسى، كۆز-قارىشى ۋە مەزھىپى، ھەر قانداق پىلاندا ۋە دۆلەتتە ئالدى بىلەن بۇ ھەرىكەتنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ياۋايىلىقىنى قورقۇنچ مەنبەسى قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قانداق ئىجرا قىلىشنى ئويلىشىدۇ.
بۇ گۇرۇھنىڭ ھەر بىر پىكرىدە دۇنياغا قارىتىلغان تېرورلۇق بار. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە ھاياتقا بولغان ئېتىقادى تېرورلۇق ۋە ۋەھىمە بىلەن باغلانغان. بۇ گۇرۇھنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىغا تارىخىي نەزەر سالساق، بۇ قىسقا ماقالىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى رېئاللىققا ئاساسلانغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق زىددىيەت يوقلىكىنى ئۇچۇرتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلغان پىلانلىرى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلغان نۇرغۇن تېرورلۇق پىلانلىرى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، ھازىرغىچە يوشۇرۇن تۇرماقتا. ئەگەر بىر كۈنى ئاشكارىلانسا، دۇنيا بۇ گۇرۇھنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرىدۇ.
بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخىدا ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ مىقداردىكى ۋەھىمە ۋە ۋەيرانچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق قىسمىدا تىنچلىققا ياكى تىنچ-ئىناق ياشاشقا دەۋەت قىلىشنى ئۇچۇرتالمايمىز.
ئۇلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە-پاسات ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارشى قۇترىتىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بىرلىكنى ۋەيران قىلدى ۋە يوقاتتى. بۇ بىرلىك ئۈممەتنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئۇنى ۋەيران قىلىش ۋە پارچىلاشقا داۋاملىق ئۇرۇندى.
زوراۋانلىقنى پروگراممىلىرىنىڭ ۋە تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويغان بۇ گۇرۇھنىڭ ھازىر دۇنياغا قارىتا تۇتقان يولى ئوخشاش ئىدىئولوگىيەگە ئاساسلانغان. بۇ ئىدىئولوگىيەنىڭ دۇنيادا ھېچقانداق قوللىغۇچىسى قالمىدى. بۇ گۇرۇھتا تۇنجى ۋە ئاخىرقى سۆز شەخسىيەتچىلىككە تەۋە.
دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق گۇرۇھ بۇ گۇرۇھقا ئوخشاش «دۇنيادىكى ھەقىقەتنى ئويلايدىغان يىگانە گۇرۇھ مەن، باشقىلار ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى ۋە ئېرىشەلمەيدۇ» دەپ داۋا قىلىپ باقمىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ پىكرىدە كەچۈرۈم، ئەپۇ ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار دېگەن نەرسە يوق. كەڭچىلىك قىلىش چۈشەنچىسى ئىنسانىي چۈشەنچە بولۇپ، ئۆتكۈنچى چۈشەنچە ئەمەس. ھەممە نەرسىگە غالىب كېلىش ئۇلارنىڭ پۈتۈن پىكرى ۋە ئەقلىنى، ھەتتا ۋۇجۇدىنى ئىگىلىگەن.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تۈزۈم ۋە ھۆكۈمەت دېگەن مەسىلە تىلغا ئېلىنسىلا، كۈچ-قۇۋۋەت نەزەرىيىسى ۋە زوراۋانلىققا تايىنىش ئىدىيىسى ئۇلارنىڭ زېھنىگە كېلىدۇ.
دائىش ئىدىيىسىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ پىكرىچە، دۇنيا تېرورلۇق تارقىتىش ئارقىلىق باشقۇرۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بۇ پىكىر ئىسلام تۈزۈمىنىڭ ئېتىقادلىرى بىلەن روشەن زىت كېلىدۇ.
تارىختىكى ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تارىخىغا قارىساق، بۇ ھەرىكەت ئاشۇ ئېتىقادلارغا خىلاپ ماڭغانلىقىنى ۋە ھازىرمۇ شۇ يولىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى ئۇچۇرىتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا بۇ ھەرىكەت ۋە گۇرۇھنىڭ ئۆز ئىدىيىلىرىنى چەتئەللىكلەردىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆز پروگراممىلىرى ئۈستىدىن ھوقۇقى بولمىغان، بارلىق ھوقۇقى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان ھەرىكەت بولۇپ، بۇ گۇرۇھ ئۇنى-بۇنى كۆزلەيدىغان ياللانما قوشۇنغا ئوخشاپ كېتىدۇ.