Almirsad Uyghur WhatsApp Channel

Almirsad Uyghur

185 subscribers

About Almirsad Uyghur

Al-Mirsad Stronghold for ideological struggle.

Similar Channels

Swipe to see more

Posts

Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/19/2025, 1:26:06 PM

دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەبۇ سەججاد ئىلھام قەدىمكى خاۋارىجلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قىياپىتى دەل دائىشتۇر. ئۇلار يەھۇدىيلار ۋە كاپىرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يوشۇرۇن بۆرىلەر بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى ئىسلامىي ھەرىكەتلەردىكى ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدلىرىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشماقتا. ئۇلار كاپىر ۋە تاغۇت قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسىمۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا بۇ ۋەھشى ياۋايىلار جىنايەتچى تاغۇت تۈزۈملەرگە قارشى بىرمۇ ئوق ئېتىشقا پېتىنالمىدى. ئەكسىچە ئۇلار كۇفرى ۋە تاغۇتقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سەمىمىي مۇجاھىدلارنى نىشانغا ئالدى. بۇلار ئىسلام خەلىپىلىكى نامى بىلەن كاپىرلارنىڭ سۇيقەستلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ سەمىمىي رەھبەرلىرىگە سۇيقەست قىلىدۇ. ئۇلار كۇپۇر ۋە زۇلۇمدىن كېلىپ چىققان، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۇپۇر ۋە زۇلۇمنىڭ زەھەرلىك ۋە رەزىل سۇيقەستلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئۇل-ئاساسلارنى پارچىلايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۈممەتنىڭ تېنى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ياشلىرىنى نىشان قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارچىلاش ۋە ئازدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا تەكفىر قىلىش، بىرلىكنى پارچىلاش ۋە باشقا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. دائىشلار يەھۇدىي ئىستىخباراتىنىڭ ئەڭ ئەرزان جاسۇسلىرى بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زامان پىرئەۋنلىرىگە قارشى ئىسلام دۇنياسىنى قوغداۋاتقان مۇجاھىد كۈرەشچىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. بۇ خاۋارىجلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھازىرقى زاماندىكى دەججال تەشكىلاتلارنىڭ قارا تېزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن مۇجاھىد رەھبەرلەرنى يوق قىلىشتۇر. بۇ ۋەھشى خاۋارىجلار، جەڭ مەيدانلىرىدا ھەقنى قوغداپ جانلىرى بىلەن قۇربانلىق بەرگەن سەمىمى مۇجاھىدلارنىڭ قانلىرىنى تۆكتى ۋە شۇنداقلا شىرىك دېگەن نام بىلەن، شىرىككە ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىڭ باشلىرىنى ئۈزۈۋەتكەن ئاللاھنى بىر دەپ بىلىدىغان مۇۋەھھىد كىشىلەرنى ھەم ئۆلتۈردى. ئەگەر مېنىڭ بۇ يازغانلىرىمدىن بۇ خاۋارىجلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر شەخسىي غەزەپتىن كەلگەندەك ھېس قىلساڭلار، سىلەردىن ھۆرمەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە، ئۇلارنىڭ قىلىچى ۋە ئوقلىرى كىملەرگە قارىتىلغانلىقىغا، جىنايەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا كىملەرنىڭ بەدەنلىرى ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى ۋە ئوقلىرىدا قۇربان بولغانلىقىغا قاراپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ سوئاللارنى ئويلىنىپ كۆرسەڭلار، دائىشنىڭ غەربنىڭ ياللانما قوشۇنى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئىسلام دۇنياسىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكىلەرنىلا ۋە بۇ زوراۋانلارنىڭ پىكىرلىرىنى رەت قىلغانلارنىلا نىشانلايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىلەر. ئەڭ ئېچىنارلىقى، ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام ۋە ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىرىلدۈرۈش نامىدا قىلماقتا.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/19/2025, 9:17:49 AM

دائىش مەۋلانا فەزلۇل رەھماننى سۈيقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ئەلمىرساد خەۋەر تورى مەنبەلىرىدىن ئىگىلىشىچە، دائىش خاۋارىجلىرى پاكىستان ئىسلام ئۆلىمالار جەمئىيىتى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى مەۋلانا فەزلۇل رەھماننى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان. مەنبەلەرنىڭ ئەلمىرساد خەۋەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، خۇراسان رايونىدىكى دائىش شۆبىسى مەۋلانا فەزلۇل رەھماننى مۇھىم نىشانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، پۇرسەت كەلگەندە ئۇنى يوقىتىشنى پىلانلىغان. يېقىندا، پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى مەۋلانا فەزلۇل رەھمانغا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پاكىستانلىق مەسئۇللاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسلام ئۆلىمالار جەمئىيىتى رەھبىرىنىڭ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى دىنىي سىياسىي پارتىيەلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان ۋە ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۆتكەن يىلى، ئەلمىرساد خەۋەر تورى مەنبەلىرى دائىش خاۋارىجلىرى تەييارلىغان بىر تىزىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە مەۋلانا فەزلۇل رەھمان پارتىيىسىدىكى مەسئۇللار ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان داڭلىق سىياسىي شەخسلەر بار بولۇپ، دائىش تەشكىلاتى بۇلارنى يوقىتىشقا تېگىشلىك نىشانلار دەپ قارىغان. داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇشلار ئاستىدا، پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەۋلانا فەزلۇل رەھمان مەسىلىسىنى ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىش ياكى دائىشنى ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمدىن ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سىياسىي كۈنتەرتىپى بولۇشى مۇمكىن.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/23/2025, 5:27:07 PM

ئالىي دەرىجىلىك دائىش ۋەكىللەر ئۆمىكى بەلۇجىستاندا خوراسان خاۋارىجلار رەھبەرلىكى بىلەن كۆرۈشتى دائىش خەلىپىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئەلمىرساد خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، سۇرىيە ۋە ئىراقتىن كەلگەن دائىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، دائىش خەلىپىسى ئابدۇلقادىر مۇئمىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان رايونىغا بېرىپ، خوراسان خاۋارىجلار رەھبەرلىكى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەن. مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىيارەت ۋە يىغىننىڭ مەقسىتى خوراسان دائىشلىرىنىڭ رايون ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىش، شۇنداقلا خوراسان شۆبىسىگە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ياردەم قىلىش ئىكەن. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، خوراسان شۆبىسى، دائىش مەركىزىي رەھبەرلىكىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، يېقىنقى زىيارەت ۋە چىقىرىلغان كۆرسەتمىلەردىن قارىغاندا، خاۋارىجلار بەلۇجىستاننى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بازا قىلىشنى پىلانلىماقتا.

Post image
👍 1
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/21/2025, 6:47:56 AM

خاۋارىجلارنىڭ ئېنىقلىمىسى سەككىزىنچى قىسىم راشىد شەفىق خاۋارىجلارنىڭ ئۇلۇغ ئىمامەت (خەلىپىلىك) ياكى ئۇلۇغ رەھبەرلىك ھەققىدىكى قارىشى: بۇ مەسىلە خاۋارىجلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۇمەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئابباسىيلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىمامەت (خەلىپىلىك) مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىگە قارشى تۇرغان ھاكىملارغا قىلىچ كۆتۈرگەن. چۈنكى ئۇلار پەقەتلا خەلىپە تاللاش ھوقۇقىغىلا قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھاكىملارنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىنمۇ نارازى بولغان. پىكرى جەھەتتىن، ئۇلار ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ) كىملىكى، سۈپەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي رولىنى بەلگىلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما ئۇلار ئۆز ئارا مۇنازىرىلەشكەندە خەلىپىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ساقلانغان، لېكىن رەقىبلىرى ئالدىدا ھېچقانداق يۇمشاقلىق كۆرسەتمىگەن. خاۋارىجلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىمامەت (خەلىپىلىك) ھۆكمى: ئىمامەت (خەلىپىلىك) مۇھىم مەنسەپ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياج. چۈنكى كىشىلەر جەمئىيەتتە ئاخىرقى ھوقۇق ئىگىسى بولغان، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئۈممەتنى قوغدايدىغان بىر ھۆكۈمران بولمىغۇچە تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ بارلىق ئەقىل ئىگىلىرى قوبۇل قىلغان ئىش. ئەمما خاۋارىجلار بۇ مەسىلىدە ئىككى تائىپىگە بۆلۈنگەن: بىرىنچى تائىپە: خاۋارىجلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ تائىپە ئىمام (خەلىپىلىك) سايلاشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ ۋە خەلىپە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە توغرا يولدا بولغان مۇددەتتە، ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا ياشاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن جەڭ قىلىدۇ. ئىككىنچى تائىپە: بۇ تائىپە مۇھەككىمە، نەجدات ۋە بەزى ئىبازىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئەگەر كىشىلەر ئۆز-ئارا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئىمامغا(خەلىپىگە) ئېھتىياج بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئېھتىياج تۇغۇلۇپ قالسا، ئىمامەتكە(خەلىپىلىككە)  لاياقەتلىك بولۇش شەرتى بىلەن ھەرقانداق قەبىلىدىن ئىمام (خەلىپە) تاللاشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىللىرى: 1- «ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن شوئارنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە ئېھتىياج يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. 2- ھۆكۈم قىلىش ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى دەيدۇ. 3- ئاساسلىق ئېھتىياج شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش. ئەگەر كىشىلەر شەرىئەتنى ئىجرا قىلالىسا، خەلىپە سايلاشنىڭ ھاجىتى يوق. 4- ئىمام (خەلىپە) كىچىك بىر جامائەت بىلەن بىللە تۇرۇپ، كۆپچىلىكتىن يىراقلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خەلىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پايدىسىز قىلىدۇ. 5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلىپىلىرىگە مۇئەييەن يوليورۇقلارنى بەلگىلەپ بەرمىگەن. 6- قۇرئاندا ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ)  مەۋجۇتلۇقى قەتئىي تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت «ئۇلارنىڭ ئىشى ئۆز ئارا مەسلىھەت بىلەن بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈملا بار. لېكىن بۇ تائىپە ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ قالغانمۇ دېيىلسە؟ ياق. چۈنكى مۇھەككىمە تائىپىسى بۆلۈنۈش ۋاقتىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب راسىبىنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىغان. نەجدىيلەر بۆلۈنۈش ۋاقتىدا نەجدە ئىبنى ئامىرنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىغان. ئىبازىيلەر ھەققىدە ئۇلار ئىمام (خەلىپە) سايلاشنى رەت قىلىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، مەن كۆرگەن ئاساسلىق مەنبەلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بۇ قاراشنى ئۇلارغا قارشى يالغان تەشۋىقات قىلىدىغان دۈشمەنلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ. خاۋارىجلاردىكى ئىمام (خەلىپە)  تاللاش شەرتلىرى: خاۋارىجلار ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئۈچۈن قاتتىق شەرتلەرنى بەلگىلىگەن، ئۇلار: 1- ئىمام (خەلىپە) قەتئىي، سەمىمىي، تەقۋادار ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە سادىق بولۇشى كېرەك. 2- كۈچلۈك شەخسىيەت، كۈچلۈك ئىرادە، ياخشى پىكىر، جاسارەت ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. 3- گۇناھ-مەئسىيەت، ئويۇن-تاماشا بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. 4- تەۋبە قىلغان بولسىمۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولماسلىقى كېرەك. 5- بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن سايلىنىشى كېرەك، بەزى كىشلەرنىڭ تاللىشى يېتەرلىك ئەمەس. خاۋارىجلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتىكى شوئارى ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ) نەسەب ۋە ئىرقتا ئەۋزەل بولۇشى كېرەك ئەمەس دېگەندىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما قەلبلىرىدە مۇتەئەسسىپلىك بار ئىدى. ئۇلار يەنە ئىمام (خەلىپە) سايلاش «ئەھلۇ ھەل ۋەل-ئەقد» نىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بولىدۇ دېگەن. ئەمما بۇ بەزى شەرقشۇناسلار، خاۋارىجلارغا نىسبەت بەرگەندەك خاۋارىجلار پەيدا قىلغان پىرىنسىپ ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي پىرىنسىپتۇر. ئۇلار «خىلاپەت قۇرەيشتە بولىدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسكە دىققەت قىلمىغان ۋە ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئۈچۈن قۇرەيش نەسەبى شەرتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئەۋزەل ئەمەس كىشىنى ئىمام (خەلىپە) قىلىپ تاللاش: خاۋارىجلار بۇ مەسىلىدىمۇ ئىختىلاپ قىلغان. ئەگەر تېخىمۇ ئەۋزەل كىشى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىنى ئىمامەتكە (خەلىپىلىككە) تاللاش دۇرۇسمۇ؟ 1- بەزى خاۋارىجلار بۇنى قوبۇل قىلمىغان ۋە بۇ خاتا، ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئەۋزەلنىڭ ھەققى دېگەن. 2- يەنە بىر تائىپە بۇنى دۇرۇس دەپ قارىغان. تېخىمۇ ئەۋزەل كىشى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىنىڭ ئىمامىتىنى (خەلىپىلىكنى) توغرا دەپ قارىغان. ئايال كىشىنىڭ ئىمامەتچىلىكى: ئىمامەت (خەلىپىلىك) كەڭ پىكىر، كۈچلۈك نەزەر ۋە ئالاھىدە ماھارەتلەرنى تەلەپ قىلىدىغان چوڭ مەسئۇلىيەت. ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەرلەرگە خاس قىلغان. ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەرلەرنى تاللىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك. بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى خىلاپەتنىڭ ئايال كىشىگە مۇناسىپ ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئەمما خاۋارىجلار ئىچىدىكى «شەبىيبە» پىرقىسى ئايال كىشىنىڭ ئىمامىتىنى (خەلىپىلىكنى)  دۇرۇس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى شەبىبنىڭ، غەزالەنى (بەزىلەر ئۇنى ئايالى، بەزىلەر ئانىسى دەپ قارايدۇ) ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمام (خەلىپە) بولۇشقا تاللىغانلىقىدۇر.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/17/2025, 9:37:48 AM

دائىش تېرورچى تەشكىلاتىنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئەزىز خۇراسانىي 2015-يىلى 4-ئايدا، پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى بىر رايوندا قوراللىق قەبىلە گۇرۇھلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىلىپ، ھاپىز سەئىد خاننى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىدى. سەئىد خان شۇ چاغدىكى دائىش رەھبىرى ئىبراھىم ئەۋۋاد (ئەبۇ بەكرى باغدادى)غا بەيئەت قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، دائىش مەركىزىي رەھبەرلىكى ئەبۇ مۇھەممەد ئەدنانىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى ئارقىلىق خوراسان شۆبىسىنىڭ تەشكىلاتقا رەسمىي قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھاپىز سەئىد خان خوراسان شۆبىسىنىڭ ئەمىرى، شەيخ ئابدۇلھەسىب لوگەرى مۇئاۋىن ئەمىر بولۇپ تەيىنلەندى. دەسلەپتە، بۇ شۆبىگە قوشۇلغانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس بولۇپ، پەقەت پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم رادىكال ۋە تەكفىرچى پىكىردىكى كىشىلەر، جۈملىدىن ئىسلام ئىمارىتى ۋە پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىدىن ئايرىلغان بەزى رادىكاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇلاردىن باشقا، تەسىر كۈچى ۋە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقى ئاجىز بولغان بىر قىسىم كىچىك گۇرۇھلار، مەسىلەن: «گۈل زامان فاتىھ» گۇرۇھى، لال مەسچىتىگە تەۋە «ئۆمەر مەنسۇر» گۇرۇھى، «پىشاۋەرلىك ئوبەيدۇللاھنىڭ تەۋھىد ۋە جىھاد» گۇرۇھى، شەيخ ئابدۇلقاھىر باشچىلىقىدىكى «ئىسلام قەھرىمانلىرى» گۇرۇھى، كونېردىكى «شەيخ موھسىن» گۇرۇھى، ۋەزىرىستاندىكى مەرۋەت رايونىدىن «تەلھە» گۇرۇھى ۋە كورمە رايونىدىكى «دۆلەت مىر» گۇرۇھى قاتارلىقلارمۇ خوراسان شۆبىسىگە قوشۇلدى. ۋەزىرىستان رايونىغا ئورۇنلاشقان، رادىكال تەكفىرچى پىكىردىكى ياكى باشقا جىھادى گۇرۇھلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئۆزبېك ۋە چەتئەللىك مۇھاجىرلار خوراسان شۆبىسىنىڭ دەسلەپكى ئادەم كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. پاكىستان ئارمىيىسى شىمالىي ۋەزىرىستاندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندا، بۇ جەڭچىلەر دائىشقا قوشۇلۇشنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قەبىلە رايونلىرى ۋە نەنگارھارغا، يەنە بىر قىسمى زابۇل قاتارلىق باشقا ئافغان ۋىلايەتلىرىگە كۆچتى. بۇ دائىشنىڭ ئافغانىستان ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ باشلىنىشى بولدى. خوراساندىكى دائىشنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرلىشى: ئاتالمىش «خەلىپىلىك» ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، خوراسان شۆبىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەدرىجىي ئاجىزلىشىشىغىچە، دائىش يېقىنقى ئون يىللاردا ئىسلام ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولدى. بۇ تەشكىلات ئافغانىستاندا ئۆزىنى خەتەرلىك تەھدىت سۈپىتىدە ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئادەم كۈچى ۋە مالىيە ياردىمىدىن مەھرۇم قېلىشى بولۇپ، ئافغان خەلقى بىلەن كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئاساس ياكى ئىدىيىۋى باغلىنىش ئورنىتالمىدى. بۇ تەتقىقاتتا، خوراسان شۆبىسىنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى ۋەزىيىتىنى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىمىز. خوراسان شۆبىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ۋەزىيىتى: ئىسلام ئىمارىتى ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن بۇيان، خوراسان شۆبىسىنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى يىلمۇ-يىل ناچارلاشتى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى، نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرى ۋە تورلىرى پارچىلاندى، كۆپ ساندىكى جەڭچىلىرى يوقىتىلدى ياكى تۇتۇلدى. ئۆتكەن يىللاردىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئۇلارغا قارشى قاتتىق بىخەتەرلىك ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دائىش تەشكىلاتى 2023-يىلى ئافغانىستاندا تەخمىنەن 20 قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ 2022-يىلىدىكى 145 قېتىملىق ھۇجۇم ۋە ئىسلام ئىمارىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۇنجى يىلى بولغان 2021-يىلىدىكى 293 قېتىملىق ھۇجۇمغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەنلىگەن. مەنبەلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، بارلىق سانلىق مەلۇماتلار خۇراسان شۆبىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2024-يىلىنىڭ باشلىرىدا خاتىرىلەنگەن ھۇجۇملارنىڭ سانى نۆلگە يېقىنلاشقان بولۇپ، تەشكىلات 2024-يىلى پەقەت 16 قېتىملا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق دوكلاتلاردا بۇ سان 19 قېتىم دەپ كۆرسىتىلگەن). بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى گۇناھسىز پۇقرالار ۋە دىنىي ئازسانلىقلارغا قارىتىلغان. ئافغانىستاندا ئۇچرىغان زەربىلەر سەۋەبىدىن، تەشكىلات ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دىققىتىنى پاكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن. قېچىپ كەتكەن ئەزالىرى ئۇ يەرلەردە بىخەتەر پاناھلىنىش ۋە قايتا تەشكىللىنىش ئۈچۈن باشپاناھ ئىزدىگەن. تەشكىلاتنىڭ ۋاكالەتچى ئۇرۇشلار بىلەن باغلىنىشلىق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئىستىخبارات ۋە سىياسىي توقۇنۇشلاردا ئەرزان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىلىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ ئۇنىڭ رايوندىكى بەزى دۆلەتلەردە مۇرەككەپ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچقان. ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھىم ھۇجۇملىرى ئىچىدە 2024-يىلى يانۋاردا ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە شۇ يىلى مارتتا رۇسىيەدىكى كروكس سىتى زالىغا قىلغان ھۇجۇمى بار. ئىسلام ئىمارىتىنىڭ دائىشقا قارشى يۈرگۈزگەن ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى پائالىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى: ئىسلام ئىمارىتى دائىشقا قارشى كۆپ تەرەپمىلىك ئىستراتېگىيە بويىچە ھەرىكەت قوزغىغان بولۇپ، دەسلەپتە تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق بازىلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، كۆپلىگەن جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئەسىر ئالغان. ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىسلام ئىمارىتى ئادەتتىكى جەڭچىلەرنى يوقىتىش ۋە پائال گۇرۇپپىلارنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشكەن. نەتىجىدە يۈزلىگەن تەشكىلات ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئەسىر ئېلىنغان، نۇرغۇن مەخپىي مەركەزلىرى ۋەيران قىلىنغان. ئىككىنچى باسقۇچتا، ھەرىكەت تەشكىلاتنىڭ مەيدان قوماندانلىرى ۋە ئاخبارات مەسئۇللىرىنى نىشانغا ئالغان. بۇ نۇرغۇن قىسىملارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئاخبارات ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئېلىپ بارغان. ئۈچىنچى باسقۇچتا، بۇ ھەرىكەتلەر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانغا ئالغان. نەتىجىدە رەھبەرلىرىنىڭ 95% ى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندىكى تەشكىلاتنىڭ ئۈچ ئەمىرى: ئەسلەم فارۇقى، مەۋلەۋى زىيائۇددىن ئەھمەد ۋە شەيخ زىيائۇل ھەق زىيا، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن ھەربىي ۋە مەمۇرىي مەسئۇللار بار. بۇ ئىزچىل ئېلىپ بېرىلغان زەربىلەر خۇراسان شۆبىسىنىڭ ئاساسەن گۇمران بولۇشىغا ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ھەربىي، مالىيە ۋە تەشكىلىي پائالىيەتلىرى كەسكىن تۆۋەنلىگەن. 2024-يىلىغا كەلگەندە، ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەبلەغ مەنبەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئايرىلغان، ھەتتا جەڭچىلىرىدىن ھەرىكەتلىرىنىڭ چىقىمىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئادەم كۈچى ئاساسى ئاجىزلاشقان، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى پارچىلانغان، مەدەنىيەت ۋە دەۋەت رەھبەرلىكى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال كۆپلىگەن داڭلىق رەھبەرلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىشىغا مەجبۇر قىلغان. ئۇ يەردىن تۇرۇپ تەشكىلات، رايونلۇق توقۇنۇشلاردا قورال سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولغان بەزى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇملىرىنى پىلانلىماقتا. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، خۇراسان شۆبىسى دائىم ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. گەرچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەربىي، مالىيە ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ئىلگىرىكىدەك ئافغانىستان ئىچىدە ياكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەيۋىسى قالمىغان. ئىسلام ئىمارىتىنىڭ دائىشقا قارشى يۈرگۈزگەن ھەرىكىتى ئافغانىستاننى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشقا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى تەھدىتىنى چەكلەشكە تۆھپە قوشقان. 2015-يىلى پۈتۈن رايوندا ھۇجۇم قىلالايدىغان بۇ تەشكىلات، بۈگۈنكى كۈندە پائالىيەتلىرى روشەن ھالدا چېكىنگەن ۋە ئىلگىرىكىدەك چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/22/2025, 5:12:39 PM

تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى سەككىزىنچى قىسىم ھارىس ئۇبەيدە سەلجۇق دۆلىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى: مەلىكشاھنىڭ بەركىياق، مۇھەممەد سەنجار ۋە مەھمۇد دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. مەھمۇد كېيىن ناسىرىددىن مەھمۇد دەپ تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىنغاندا تېخى كىچىك بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى تۈرك ئايال بولۇپ، مەلىكشاھ دەۋرىدە يۇقىرى ئورۇن ۋە ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى. مەھمۇد ئىككى يىلغا يېقىن (ھىجرىيە 485-487 / مىلادىيە 1092-1094) ھۆكۈم سۈردى. ئۇ ۋە ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، رۇكنىددىن ئەبۇ مۇزەففەر بەركىياق ئىبنى مەلىكشاھ تەختكە چىقتى ۋە ھىجرىيە 498 / مىلادىيە 1105-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكنىددىن مەلىكشاھ ئىككىنچىگە بەيئەت قىلىندى، ئەمما شۇ يىلى مەلىكشاھ ئىككىنچىدىن كېيىن غىياسۇددىن ئەبۇ شۇجا مۇھەممەد ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى ۋە ھىجرىيە 511 / مىلادىيە 1128-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى. سەلجۇق دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى غىياسۇددىن ئەبۇ شۇجا مۇھەممەد بولۇپ، ئۇنىڭ پايتەختى ماۋەرائۇننەھىر ئىدى. ئۇنىڭ كۈچى خوراسان، ئىران ۋە ئىراققىچە سوزۇلغان ئىدى. ئاخىرىدا ھىجرىيە 522 / مىلادىيە 1128-يىلى، سەلجۇق ئىمپېرىيەسى خاۋارىزىم ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا ئاخىرلاشتى. كاتتا سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، سەلجۇقلار قالايمىقانچىلىققا چۈشۈپ قالدى، بىرلىكى پارچىلاندى ۋە كۈچى شۇنچىلىك ئاجىزلاشتىكى، ئۇلار بىر قانچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دائىم تەخت ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلاتتى، بۇ كاتتا پادىشاھلىق كىچىك پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئەمەس ئىدى ۋە سۇلتان توغرۇلبەگ، سۇلتان ئالپ ئارسلان ۋە مەلىكشاھ دەۋرىدىكىدەك بىرلىككە كەلمىگەن ئىدى. ھەر رايون مۇستەقىل بولۇپ، ھەر رايوننىڭ ئۆز پادىشاھى بار ئىدى ۋە بۇ كىچىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم يوق ئىدى. بۇ ئەھۋال نەتىجىسىدە ماۋەرائۇننەھىردە خاۋارىزىم ئىمپېرىيەسى دەپ ئاتالغان يەنە بىر كۈچ پەيدا بولدى. بۇ ئىمپېرىيە موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىقىغا بىر ئەسىر قارشى تۇردى. خاۋارىزىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بىرگە شىمالىي ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى سەلجۇق دۆلىتىمۇ كۈچەيدى، بۇ دۆلەت ئاتابەگ دەپ تونۇلغان ئىدى. بۇ پۇرسەتتە يەنە رۇم سەلجۇق ئىمپېرىيەسى قۇرۇلدى، ئۇ سەلىب ئۇرۇشلىرىنى توختاتتى ۋە ئانادولۇنىڭ شىمالىي-غەربىي رايونىنى دۈشمەن كۈچلىرىدىن قوغداپ قالدى، ئەمما بۇ ئىمپېرىيە موڭغۇل ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى ۋە ئاخىرىدا بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار بولۇپ، بۇ يەنە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشىگىمۇ يول ئاچتى. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1- سەلجۇق سۇلالىسى دەۋرىدە قېرىنداشلار، جىيەنلەر ۋە نەۋرىلەر ئارىسىدا تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى پەيدا بولدى. 2- بەزى ئېسىلزادىلەر ۋە ۋەزىرلەر سەلجۇق ھۆكۈمدارلىرى ئارىسىدا پىتنە-پاسات تارقاتتى. 3- ئايال كىشىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى. 4- ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ، سەلجۇق ھەربىي كۈچلىرى ئالدىدا ئاجىزلىشىشى ۋە ھەر بىر كۈچلۈك سەلجۇق پادىشاھىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويۇشى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خۇتبىگە كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى ئالماسلىقى. 5- سەلجۇق دۆلىتىنىڭ سۈرىيە، مىسىر ۋە ئىراقنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىشى. 6- سەلجۇقلارنىڭ ھەر خىل گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى، بۇ ھەتتا ئىراقتىكى ئىمپېرىيەسىنىڭمۇ ئاخىرلىشىشىغا ئېلىپ باردى. باتىنىيلار تەرىپىدىن سەلجۇق ئىمپېرىيەسىگە قارشى سۇيىقەستلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى (ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەزاسى ھەسەن ئىبنى سابباھ ئالىملارنى، ۋەزىرلەرنى، ئىمپېرىيە ئەزالىرىنى ۋە مۇسۇلمان ئۈممىتىنى نىشان قىلغان مەخپىي ھەرىكەت تەشكىللىگەن)، سىرتتىن ئەھلى سەلىبلەرنىڭ كېلىشى ۋە ياۋروپادىن كەلگەن ياۋايى جەڭچىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلار بۇ ئىمپېرىيەنىڭ چېكىنىشىنىڭ (يىمىرلىشىنىڭ) سەۋەبلىرى ئىدى. ئەمما سەلجۇقلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1- سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ تۈپەيلىدىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشى تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېچىكتۈرۈلدى. سەلجۇقلار بولمىغان بولسا، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى باتىنىي ۋە راپىزىلارنىڭ قولىدا بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. 2. سەلجۇقلارنىڭ مىسىردىكى ئۇبەيدىي (فاتىمىي) ئىمپېرىيەسىگە كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەشرىقتىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرى باتىنىي ئۇبەيدىي دۆلىتىنى قوبۇل قىلمىدى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ يامان مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى. 3- سەلجۇق دۆلىتىنىڭ تىرىشچانلىقى شەرقىي ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ باشلىنىشى بولدى. بۇ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بايرىقى ئاستىدا سۈننىي ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا تاماملاندى. 4- سەلجۇقلار ئۆزلىرى كونترول قىلغان رايونلاردا ھەربىي تەرەققىيات ۋە تىنچلىق جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. 5- سەلجۇقلار، بىزانس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە موڭغۇل تەھدىتىنى زور دەرىجىدە يوقىتىشقا تىرىشتى. 6- سۈننىي مەزھەپنىڭ دەۋىتىنى بۇ رايونلارغا كىرگۈزدى ۋە دىنىي ئالىملارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى. مانا بۇ سەلجۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە خۇلاسە. شۈبھىسىزكى، بۇ باتۇر مۇجاھىدلار ھەققىدە ئاساسسىز يالغان باياناتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە دىققەتنى قارىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن، ئۇستاز نەجىب زېب ئەل-ئىسامىنىڭ «مەغرىب ۋە ئەندەلۇس» ناملىق ئومۇمىي ئېنسىكلوپېدىيەدىكى سۆزلىرى، ئۇ ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك باتىل سۆزلەرنى نىسبەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىشتا ھەر قانداق تىرىشچانلىقنى ئايىمىغان.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/25/2025, 5:37:28 PM

باغلان ئۆلكىسىدە مۇجاھىد ئەھمەد جاۋىدنى شەھىد قىلغان دائىش خاۋارىجلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىندى. ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى، ئالدىنقى ئايدا باغلان ئۆلكىسىدە مۇجاھىدلارنىڭ بىرىنى سۈيقەست قىلىپ ئۆلتۈرگەن دائىش گۇرۇھىنى يوق قىلدى.  ئەلمىرسادنىڭ ئىچكى مەنبەلىرىدىن بايان قىلنىشىچە، ئالاھىدە قىسىم كۈچلىرى باغلان ئۆلكىسىنىڭ نەھرىن رايونىدا قۇراللىق ھەركەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ئۆتكەن رەجەپ ئېيىنىڭ 17- كۈنى مۇجاھىد ئەھمەد جاۋىدنى شەھىد قىلىپ قورالىنى تارتىۋالغان دائىش خاۋارىجلىرى ئۆلتۈرۈلدى. شەھىد ئەھمەد جاۋىد ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئارمىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن.  مەنبەلەرگە قارىغاندا، دائىش خاۋارىجلىرى ئۆزلىرىنىڭ  «نەبە» ژورنىلىنىڭ 479- سانىدا  سۈرىتىنى تارقاتقان ئوغۇرلانغان قوراللار قايتۇرۋېلىنغان.  شەئبان ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستان ئىسلام ئىمارەتىنىڭ ئىستىخبارات ئالاھىدە قىسىم كۈچلىرى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى دائىش خاۋارىجلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەرىكەت تەخار، باغلان، قۇندۇز ۋە سەمەنگان ئۆلكىلىرىدە بەلۇجىستانغا مەركەزلەشكەن دائىش رەھبەرلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان دائىش تورىنى نىشان قىلغان. بۇ ھەرىكەت دائىش تورىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، باغلان ئۆلكىسىدىكى نەھرىن رايونىدا يۇقىردا تىلغا ئېلىنغانلارنى سۈيقەست قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئۇنسۇرلارنى يوق قىلغان.  دائىش خاۋارىجلىرىغا قارشى بولغان بۇ كەسكىن ھەرىكەتلەر، ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئۆز مۇجاھىدلىرى ۋە خەلقىنىڭ قاتىلىلىرىغا قارشى بوشاڭلىق قىلماي مۇناسىپ ۋاقتتا ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئادىللىقنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/24/2025, 6:22:29 PM

دائىش خاۋارىجلىرى: غەربنىڭ ئىسلامغا قارشى يېڭى قورالى تۆتىنچى قىسىم ئېھسان ئەرەب خاۋارىجلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىسلامنى سەت كۆرسىتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولۇشتىن باشلاپ بۈگۈنگىچە، شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسلامنى يوقىتىش ۋە بۇرمىلاشتا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشتىن توختاپ باققىنى يوق. ئۇلارنىڭ نىشانى مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە بۇ مۇبارەك دىننىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. قۇرەيش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىدىن ئەنسىرىگەندە ۋە ئاللاھنىڭ كالامىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى يەتمىگەندە، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاشقا يۈزلەندى. ھەج مەۋسۇمىدا، ھاجىلار مەككىگە كەلگەندە، قۇرەيش باشلىقلىرى يول بويىدا ئولتۇرۇپ كىشىلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇلاق سېلىشتىن توسۇپ، ئۇنى يالغاندىن سېھىرگەر ۋە يالغانچى دەپ سۈپەتلەيتتى (ئاللاھ ساقلىسۇن). ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ئەڭ راستچىل ۋە ئەڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى. بۈگۈن، ئىسلام دۈشمەنلىرى يەنىلا ئىسلامنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ سۈرىتىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئوخشاش ھىيلىلەرنى قوللانماقتا. غەرب دۇنياسى ئىسلامنى بۇرمىلانغان شەكىلدە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن غەرب خەلقلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك توساق قۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشكە تىرىشماقتا. دائىش.. ئىسلامنى سەت كۆرسىتىشنىڭ زامانىۋى قورالى ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى بۇرمىلاشتا ئىشلىتىلگەن ئەڭ مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى جىنايەتچى خاۋارىج گۇرۇھى بولۇپ، غەرب ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۈچەيتىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇرمىلانغان چۈشەندۈرۈشىنى ئىسلامنىڭ ھەقىقىي سۈرىتى دەپ تەقدىم قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق دۇنيانى بۇ دىننىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولماقتا. دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ۋولليۋود كىنو ئۇسلۇبىدا سۈرەتكە ئېلىشى، خۇددى دۇنياۋى كىنولار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېژىسسورلۇقتا رىقابەتلىشىۋاتقاندەك قىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس! بۇ گۇرۇھ تارقاتقان، ئىسلام تەلىماتلىرىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلەر ھەر بىر ئەقىللىق كىشىدە نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ: دۇنيا بويىچە قورشاۋغا ئېلىنغان ۋە قوغلىنىۋاتقان بىر گۇرۇھ قانداقمۇ بۇنداق تېزلىكتە ۋە كەڭ دائىرىدە ۋىدېئولىرىنى تارقىتالايدۇ؟! جاۋاب ئېنىقكى: ئۇ غەربنىڭ يوشۇرۇن قوللىشىدۇر! بۇ سوئالنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىتى غەربنىڭ بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىدۇر. شۇنداق! غەرب ئاخباراتى دائىشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى تەشۋىق قىلىشتا بىرىنچى مەسئۇل بولۇپ، ئىسلامغا قانلىق سۈرەت سىزىش ۋە دۇنيانى ئۇنىڭ تېررورلۇق دىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە شۇنداق قىلماقتا. ئەمما يوشۇرۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئىسلام دائىش ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر، خۇددى كۈننى غەلۋىر بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك!

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/18/2025, 6:56:44 AM

دائىش تەشكىلاتىنىڭ پىكرىي قۇرۇلمىسى تۆتىنچى قىسىم بەركەتۇللاھ دانشور 1- تەكفىرچىلىكتىكى قاتتىق قوللۇق ۋە تەدبىرسىز ھەرىكەت ئىنسان ماددىي ۋە ئېتىقادىي مەسىلىلەرگە بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئوخشىمىغان پىكىر ۋە تۇيغۇلاردىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ بىر گەۋدىدۇر. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ساقلاپ كەلگەن ياكى تەجرىبە-ساۋاق ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئېتىقاد ۋە قانائەتلىرى بويىچە پىكىر يۈرگۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قالىدۇ. توغرا بىلەن ئىشىنىشكە تېگىشلىك نەرسىنى پەرقلەندۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ ۋە نازۇك ۋەزىپە. بۇ جەھەتتىكى سەل قاراش ئىنساننى ئازدۇرۇپ يولدىن چىقىرىشى مۇمكىن. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بولسا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە مۇستەھكەملىككە يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، ئىنسان ھاياتلىق يولىنى تاللاشتا ئېھتىيات قىلىشى، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا توغرا يولدىن ئازدۇرىدىغان پىكرىي تۇزاقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ھالاكەتكە ئەمەس، تەرەققىياتقا قاراپ ماڭالايدۇ. ئەڭ مۇھىمى باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى قاراشلىرىنى باھالاش مەسىلىسىدۇر. باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ داۋا قىلىش ۋە ئۇلارغا تار شەخسىي كۆز قاراش بىلەن قاراش ئېغىر مەسئۇلىيەتتۇر. بۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈش، پىكرى ئوخشىمايدىغانلارغا گۇمان بىلەن قاراشنى كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ھەققىدە خاتا قارار چىقىرىشقا، بەزىدە ئالدىراقسانلىق ۋە پىششىق ئويلانماستىن چىقىرىلغان ھۆكۈملەر سەۋەبىدىن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە سەۋەب بولىدۇ. باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد-پىكىرلىرىنى باھالاش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ چوڭ تىرىشچانلىق، چوڭقۇر بىلىم ۋە ئىنچىكە چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ سالاھىيەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىنى پايلاش، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىكى خاتالىق ياكى كەمچىلىكلەرنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغان قاتتىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتىن باشقا ئىشى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. دائىش تەشكىلاتى بۇ خىل يولنى ئېنىق نامايان قىلىدۇ. ئۇ قاتتىق تەكفىرچىلىك ئەقىدىسىنى قوللىنىپ، پەقەت ئۆز يولىنىڭ توغرىلىقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۆزىگە قوشۇلمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازغۇن دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەق ۋە توغرىلىق سېپىدە دەپ قاراپ، ئۆز پىكرىدىن يىراقلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازغۇنلۇق ۋە يولدىن چىققانلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى ئۆزلىرىگە خاس قىلىۋالغان بولۇپ، باشقىلارغا ئۇنى ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە تونۇش ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىش ھوقۇقىنى قالدۇرمىغان. ئۇلار باشقىلارنىڭمۇ تاللاش ئەركىنلىكى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ئەركىن قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. كېيىنكى باسقۇچ بولسا «تەدبىرسىز ھەرىكەت» بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرخىل تەرەپلىرىنى كېيىنكى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.

Post image
Image
Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
2/17/2025, 7:12:01 AM

سۈرىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى دائىش تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم قوماندانىنى قولغا ئالدى سۈرىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى «ئەبۇ مارىيە ئەل-قەھتانى»نىڭ شەھىد قىلىنىشىغا چېتىشلىق ۋە «سەييىدە زەينەب» نىڭ قەبرىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان دائىش قوماندانىنى قولغا ئالدى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىستىخبارات دائىرىلىرىدىكى ئىچكى مەنبەلەر «ئەبۇ ھارىس ئەل-ئىراقى»نىڭ ئىراقتىكى دائىش تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكىنى ھەم تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەييارلاش ۋە تەشكىللەشتە نائىب (مۇئاۋىن) بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. «سانا» ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئەل-ئىراقى»نىڭ سۈرىيەدىكى نۇرغۇن ھۇجۇملارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى جىھاد ئەمىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولغان «ئەبۇ مارىيە ئەل-قەھتانى» (مەيسەرە ئەل-جەبۇرى)نىڭ شەھىد قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دوكلاتقا كۆرە، ئۆتكەن ئايدا دەمەشىقتىكى «سەييىدە زەينەب» قەبرىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان گۇرۇپپا «ئەبۇ ھارىس ئەل-ئىراقى»نىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، نىشانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، دائىش تەشكىلاتى يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇردىغەنلىقى بىلەن تەھدىت سالغان بولسىمۇ، يېقىنقى قولغا ئېلىشلار سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەھدىتلەرنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەھشىي، قان تۆكۈشكە تەشنا گۇرۇپپىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە سۈرىيە خەلقىنىڭ جان-مېلىنى قۇربان قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

Post image
Image
Link copied to clipboard!