Almirsad Uyghur
February 2, 2025 at 06:46 AM
ئەلقائىدە بۇركىنا فاسودا 9 دائىش ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈپ قوراللىرىنى قولغا چۈشۈردى.
بۇركىنا فاسودىكى ئەلقائىدە مۇجاھىدلىرى بىر تۈركۈم دائىش ئەزالىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى قولغا چۈشۈردى.
«نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەل مۇسلىمىين جامائىتى»نىڭ تەشۋىقات ئورگىنى زەللاقە تارقاتقان جۈمە كۈنىدىكى (شەئبان ئېيىنىڭ 1-كۈنى) باياناتقا كۆرە، بۇ جامائەت جەڭچىلىرى ۋودالا ۋىلايىتىدىكى ئوكا بىلەن ساسماك ئوتتۇرىسىدىكى رايوندا دائىش ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 دائىش ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، جامائەت (يەنى نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەل مۇسلىمىين جامائىتى) جەڭچىلىرى بىر دانە پىكا، بەش دانە كالاشنىكوف ۋە بىر قىسىم ئوق-دورا ھەمدە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئولجا ئالغان.
بۇ «نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەل مۇسلىمىين جامائىتى»نىڭ ۋودالادىكى دائىش ئەزالىرىنى نىشانغا ئېلىشتىكى تۇنجى قېتىملىق ھەرىكىتى ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرىمۇ ئوخشاش پىستىرمىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن.
«نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەل مۇسلىمىين جامائىتى» غەربىي ئافرىقىدىكى ئەلقائىدەنىڭ شۆبىسى بولۇپ، مالى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېردا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە مەغرىبۇل ئىسلام دۆلىتىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.