Almirsad Uyghur
February 2, 2025 at 02:38 PM
دائىش خاۋارىجلىرى، غەربنىڭ ئىسلامغا قارشى يېڭى قورالى
بىرىنچى قىسىم
ئېھسان ئەرەب
جىھادى گۇرۇھلارنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئاجىزلارنى قوغداش ئىدى. مانا بۇ بۇ ئۈممەتنىڭ ئۈستىگە ئالغان مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىدۇر. بۇ گۇرۇھلار بەزىدە ئىسلام تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە شەرىئەت قانۇنىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇلارنىڭ باتۇرلۇقى تۈپەيلىدىن رېئاللىقتا ئىسلام قانۇنلىرى تەتبىقلانغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «جىھادقا كېلىڭلار» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان سانسىز گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا چىققان.
بەزى گۇرۇھلار توغرا يولدا بولۇپ، ئۇ جىھادنىڭ بايرىقىنى ھەقىقىي كۆتۈرگۈچى بولغان، ئەمما بەزىلىرى جىھاد نامىنى نامۇۋاپىق ئىشلەتكەن، ئىسلام ۋە جىھاد نامى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامنىڭ شەرىئىتىنىڭ ئابرۇيىغا داغ كەلتۈرگەن.
بۇ گۇرۇھلار سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئىسلامى شوئارلارنى توۋلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار كاپىرلار دۇنياسىنىڭ ياللانما يالاقچىلىرى بولۇپ، غەربنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. بىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ يىرگىنىشلىك ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاشقا تىرىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام نامىدىن ئىسلامغا قارشى پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىمىز.
بۇ جەھەتتە، بىز دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىنى قانداق خۇرسەن قىلغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز. ئۇلار يالغان جىھاد ۋە خىيالى خەلىپىلىك شوئارلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كاپىرلار دۇنياسىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان ۋە بۇ يولدا ھېچقانداق پىداكارلىقتىن باش تارتمىغان.
مۇسۇلمانلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك ۋە مۇناپىقلىق ئۇرۇقىنى تېرىش، جىھادى ھەرىكەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىش، ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى بۇلغاش، ئىسلام ئالىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ ئىسلام نامىدىن قىلغان بارلىق رەزىل قىلمىشلىرى پاش قىلىنىدۇ.
داۋامى بار...