Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 4, 2025 at 02:40 PM
تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى ئىككىنچى قىسىم ھارىس ئۇبەيدە تۈركلەر بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت! ھىجرىيە 22-يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى باب رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىدى. بۇ رايونلاردا تۈركلەر ياشايتتى. ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئابدۇراھمان ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۈرك قوماندانى شەھرىباراز بىلەن ئۇچراشتى. شەھرىباراز ئابدۇراھماندىن سۈلھىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەرمېنىيەگە ھۇجۇم قىلىشتا ئىسلام قوشۇنلىرىغا قوشۇلۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابدۇراھمان ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمىرى سۇراقە ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. شەھرىباراز سۇراقە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسلام كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. سۇراقە بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خەت يېزىپ خەۋەر قىلدى. ئۆمەرمۇ سۇراقەنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلدى. تۈركلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. ئىككى كۈچ بىرلىكتە ئەرمېنىيەنى فەتىھ قىلىپ، ئۇ يەردە ئىسلامنى تارقاتتى. كېيىن، ئىسلام قوشۇنلىرى پارىسنىڭ شىمالىي-غەربىدىكى رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ساسانىيلار ئىمپېرىيەسى ئىسلام قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلاردىمۇ دەۋەت ۋە تەبلىغ ئېلىپ بېرىلدى. بۇ رايونلار ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولۇپ تۇراتتى. بۇ مەسىلىلەر تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتكە ۋە رايونلارغا بېرىش يولى ئېچىلدى. تۈركلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. تۈركلەر ئىسلام تەلىماتلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىسلامنى تارقىتىش ھەم دىننىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن مۇجاھىدلار سېپىگە قوشۇلدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە پۈتۈن تەبەرىستان رايونلىرى فەتىھ قىلىندى. ھىجرىيە 31-يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى جەيھۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ماۋەرائۇننەھر رايونلىرىغا جايلاشتى. بۇ رايونلاردىكى كۆپ ساندىكى تۈركلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلدى ۋە ئىسلامنى قوغدىدى ھەمدە ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىش جىھادىغا قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسلام قوشۇنلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە بۇخارا فەتىھ قىلىندى. بۇ غەلىبىلەر داۋاملىشىپ، سەمەرقەندمۇ ئىسلام دۆلىتىگە قوشۇۋېلىندى. ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ چېگرالىرى كېڭەيدى. پۈتۈن ماۋەرائۇننەھر ئىسلام ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. بۇ رايونلاردا ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلدى. ئابباسىي خەلىپىلىرى ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئوردىسىدا تۈركلەرنىڭ تەسىرى كۈچەيدى. تۈركلەر ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەر قايسى مەنسەپلىرىدە، ھەر قايسى ساھەلەردە مەۋجۇت ئىدى. تۈركلەر يوق بولغان ھېچقانداق تارماق يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز لاياقىتى ۋە سادىقلىقى بىلەن مۇھىم مەنسەپلەرگە ئېرىشتى. مۇئتەسىم ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، يۇقىرى مەنسەپلەرنى تۈركلەرگە ئاچتى ۋە ئۇلارغا مۇھىم مەنسەپلەرنى بەردى. تۈركلەر ئەمدى بارلىق ساھەلەردە ئاساسلىق مەنسەپلەردە خىزمەت قىلىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە، مۇئتەسىم مەئمۇن دەۋرىدىن باشلاپ كۈچلۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىرانلىقلارنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىشنى خالايتتى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە مۇستەبىتلىك قىلدى. مۇئتەسىمنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. پۇقرالار بىلەن ھەربىي كۈچلەر ئارىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن، مۇئتەسىم ئۆزى ئۈچۈن يېڭى بىر شەھەر قۇردى. ئۇ ھەمراھلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن شۇ يەردە ياشىدى. بۇ يېڭى شەھەرنى سامەرا دەپ ئاتىدى. بۇ شەھەر باغداتتىن 125 كىلومېتىر يىراقلىقتا جايلاشقان ئىدى. ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم بىر مەزگىلدە، تۈركلەرگە ئىمپېرىيەدە چوڭ ئەھمىيەت بېرىلدى. تۈركلەر ناھايىتى چوڭ بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئاساسىنى قۇرۇدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ ئىمپېرىيە ئابباسىي خەلىپىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولدى. بۇ تارىختا سەلجۇقىيلار ئىمپېرىيەسى دەپمۇ تونۇلىدۇ.
Image from Almirsad Uyghur: تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى  ئىككىنچى قىسىم  ھارىس ئۇبەيدە  ...

Comments