Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 6, 2025 at 10:14 AM
خاۋارىجلارنىڭ ئېنىقلىمىسى! ئالتىنچى قىسىم راشىد شەفىق ئىبازىيلارنىڭ ئېتىقادلىرى: شۈبھىسىزكى، بۇ پىرقە باشقا پىرقىلەرگە ئوخشاشلا بەزى مەسىلىلەردە توغرا ئەقىدىدىن چەتنىگەن. چۈنكى ئۇلار ئەھلى سۈننە ۋە جامائەنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ، ئۇنى بۇرمىلاشقا يۈزلەنگەن. ئۇلارنىڭ بەزى فىقھى مەسىلىلەردە توغرا قاراشلىرى بولۇشى مۇمكىن، خۇددى ئىمان مەسىلىلىرىدە بولغىنىدەك. بەزى كىشىلەرنىڭ توغرا قاراشلىرى، يەنە بەزىلەرنىڭ خاتا قاراشلىرى بولىدۇ. ئالدىنقى قىسىمدا ئىبازىيلارنىڭ خاۋارىجلارنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى پىرقىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلغان ئىدۇق. ئەمدى ئىبازىيلارنىڭ ئېتىقادلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەق بىلەن بىللە بولغان ۋە ھەقتىن چەتنىگەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىمىز: 1- ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى مەسىلىسىدە: ئىبازىيلار بۇ مەسىلىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن: بىرىنچى گۇرۇھ: ئوخشىتىشتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىلاھىي سۈپەتلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ئىككىنچى گۇرۇھ: سۈپەتلەرنى زاتىغا ئوخشاش قىلىدۇ. يەنى ئۇلار: ئاللاھ ئۆز زاتىدا ھەممىنى بىلگۈچى، قۇدرەتلىك ۋە ئاڭلىغۇچى دەيدۇ. ئاللاھنىڭ قولى ۋە ئاڭلايدىغان قۇلىقى قاتارلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ بىر تۈرى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئوخشىتىشتىن يىراق تۇرىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەيدۇ. ئىبازىيلارنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىر بولغان ۋەرجەلانى سۈپەتلەرنى ئىسپاتلىغان كىشىلەرگە قاتتىق رەدىيە بېرىپ، ئۇلارنى مۇشرىكلەرگە ئوخشاتقان. 2- ئاللاھنى كۆرۈشنى ئىنكار قىلىش: ئىبازىيلار ئاللاھنى كۆرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار بۇ ئېتىقادىغا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ: {لَّا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ} «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»، (سۈرە ئەنئام 103-ئايەت) بۇ ئايەتنى مۇئتەزىللەرنىڭ ئۇسۇلىدا تەپسىر قىلغان. بۇنىڭغا يەنە ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى دەلىل قىلغان: {قال رب أرني أنظر إليك قال لن تراني ولكن انظر إلى الجبل فإن استقر مكانه فسوف تراني} (الأعراف: 143). «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى ئەمەلىيەتتە بۇنداق دەلىل قىلىش خاتادۇر: ئايەتتىكى «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ» دېگەن نەقىل مۇتلەق كۆرۈشنى ئىنكار قىلغىنى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىدراك قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن» دېگەن ئايەت دۇنيادىكى ھالەتكە قارىتىلغان. ئاللاھ تائالا كۆرۈشنىڭ مۇمكىن بولىشىنى تاغنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشى بىلەن شەرتلەندۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزى كۆرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىگە دەلىلدۇر. 3- قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكەگە ئىشىنىش: ئىبنى جۇمەيئ ۋە ۋەرجەلانىغا ئوخشاش بەزى ئىبازىي ئالىملىرى قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىنى ئىبازىيلاردىن ئەمەس دەپ پەتىۋا بەرگەن. ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەنىڭ ئېتىقادى بويىچە، قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، مەخلۇق ئەمەس. بۇنى ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل رەھىمەھۇللاھ ئېنىق بايان قىلغان ۋە شۇنداقلا ئەبۇ نەزىر ئوممانىغا ئوخشاش بەزى ئىبازى ئالىملىرى ۋە كىتابۇل ئەدياننىڭ يازغۇچىسى قۇرئان مەخلۇق دېگەن نەزىريەنى رەت قىلغان. 4- تەقدىر مەسىلىسى: ئىبازىيلار تەقدىر مەسىلىسىدە ئەھلى سۈننە بىلەن بىردەك. 5- قەبرە ئازابى: بۇ مەسىلىدە ئىبازىيلار ئىككى خىل كۆز قاراشقا بۆلۈنگەن: بەزىلىرى باشقا خاۋارىجلارغا ئوخشاش قەبرە ئازابىنى ئىنكار قىلىدۇ، بەزىلىرى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەنىڭ ئېتىقادى بويىچە قەبرە ئازابى ھەقتۇر. بۇنىڭغا قۇرئان ۋە ھەدىس دەلىل بولىدۇ. 6- جەننەت، دوزاخ، كەۋسەر ۋە پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش: ئىبازىيلار جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھازىر مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، كەۋسەر كۆلىنىڭ قىيامەت كۈنى مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا پەرىشتىلەرگە ۋە ساماۋى كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. 7- شاپائەت: ئىبازىيلار شاپائەت پەقەت سالىھ مۇئمىنلەرگىلا خاس، گۇناھكار مۇئمىنلەرگە شاپائەت قىلىنمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاش ياكى دوزاختىن چىقىرىش ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 8- تارازا: ئىبازىيلار قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى تارتىدىغان تارازىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نىيەت ۋە ئەمەللەرنى ئايريدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ھەقىقىي تارازىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسكە خىلاپتۇر. 9- تەقىييە: باشقا خاۋارىجلارنىڭ ئەكسىچە، ئىبازىيلار تەقىييە قىلىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ.
Image from Almirsad Uyghur: خاۋارىجلارنىڭ ئېنىقلىمىسى!  ئالتىنچى قىسىم  راشىد شەفىق  ئىبازىيلارنىڭ...

Comments