Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 8, 2025 at 02:39 AM
دائىش خاۋارىجلىرى؛ غەربنىڭ ئىسلامغا قارشى يېڭى قورالى (2) ئېھسان ئەرەب مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىش: ئوسمانلى خەلىپىلىكى يىقىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، كۇپۇر دۇنياسىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىشىنى ۋە ئىتىپاقلىشىشىنى توسۇشقا قارىتىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە كۈچلىرى بىرلىككە كەلسە، بۇ ئۈممەت قايتىدىن ئۆز شان-شەرىپىگە قايتىپ، غەربكە ۋە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن يېڭىلمەس كۈچكە ئايلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى دائىم سانسىزلىغان سۇيىقەستلەرنى پىلانلاش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى پارچىلاپ، ئۇلارنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بەند قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن بۇ تىرىشچانلىقلار ھەر قېتىم ئوخشىمىغان شەكىلدە بولۇپ، ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ھەر قېتىم يېڭى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىدە ئىرقىي ۋە تىل پەرقلىرى ئارقىلىق، بەزىدە سىياسىي ياكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق، يەنە بەزىدە جىھادىي گۇرۇپپىلار نامى ئاستىدا پارچىلىدى. دائىش خاۋارىجلىرىنى غەرب ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مېۋىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يىرگىنچلىك گۇرۇپپا غەربنىڭ تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىسىنى زور دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى. شۇنداق! خاۋارىجلار گۇرۇپپىسى ئۆزىنىڭ خىيالىي خەلىپىلىكىنى قۇرغاندىن بېرى، باشقا ھەرقانداق دۈشمەندىن بەكرەك ئىسلام ئۈممىتىگە ئوڭشىغۇسىز زەربە بەردى ۋە بۇ ئۈممەت ئارىسىغا ئېچىنىشلىق پىتنە-پاسات ۋە مۇناپىقلىق ئۇرۇقىنى چاچتى. خاۋارىجلارنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشىدىن باشلاپ، بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە، ھەتتا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن سىرتتا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ چوڭقۇر زىددىيەتلەر كېلىپ چىقتى ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۈممەتنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا، ناچار خاۋارىجلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا تەلىماتلىرى بىلەن ئۈممەتنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىدى، پەقەت ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىلەرنىمۇ پارچىلاپ، قېرىنداشنى قېرىندىشىدىن، بالىنى ئاتىسىدىن ئايرىۋەتتى. بۇ جەرياندا خاۋارىجلارنىڭ ئالدىمىغا ئۇچراپ، ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورالغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلار بىر-بىرىنى كاپىر دېيىشتى ۋە بىر-بىرىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچتى. ئىسلام پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا بارلىق مۇسۇلمانلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇش، كاپىرلارغا دۈشمەنلىك قىلىش بولسىمۇ، دائىش خاۋارىجلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىمىغا ئۇچرىغانلار دەل دەۋا قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، مۇسۇلمانلارغا نەپرەت-دۈشمەنلىك، ئىسلام دۈشمەنلىرىگە دوستلۇق-مۇھەببەت بېغىشلىماقتا. داۋامى بار
Image from Almirsad Uyghur: دائىش خاۋارىجلىرى؛ غەربنىڭ ئىسلامغا قارشى يېڭى قورالى  (2)  ئېھسان ئەر...

Comments