Almirsad Uyghur
February 8, 2025 at 10:34 AM
تارىخ بەتلىرىدىن: ئوسمانلى خەلىپىلىكى
تۆتىنچى قىسىم
ھارىس ئۇبەيدە
سۇلتان مۇھەممەد (ئالپ ئارسلان)
ئالپ ئارسلان تاغىسى توغرۇل بەگنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۆكۈمرانلىقنى قولىغا ئالدى. گەرچە ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى سەۋەبلىك دۆلەتتە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالپ ئارسلان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئالپ ئارسلان تاغىسى توغرۇل بەگكە ئوخشاش ئەقىللىق، تەجرىبىلىك ۋە باتۇر قوماندان ئىدى ھەمدە دۆلەت چېگرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللاندى.
ئۇ دەسلەپتە سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى زېمىنلاردا باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئاندىن تاشقى دۇنياغا يۈزلەندى. سۇلتان ئالپ ئارسلان ھەمىشە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى ۋە قوشنا خرىستىئان پادىشاھلىقلىرىدا ئىسلامنى تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئەرمېنىيە ۋە رىم زېمىنلىرىنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىشقا تىرىشتى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ سەمىمىي مۇجاھىد ئىدى. ئىسلامىي جىھادنىڭ روھىي تۇيغۇسى ئالپ ئارسلاننىڭ بۈيۈك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولۇپ، ئۇ جىھادىي ئەمەللىرىگە دىنىي تۈس بەردى.
سەلجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ ئۇلۇغ قوماندانى بىر مۇجاھىد بولۇپ، خرىستىئان زېمىنلىرىدا ئىسلامنى تارقىتىش ئۈچۈن چوڭ پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە بىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى ئىسلام بايرىقى ئاستىغا كىرگۈزدى.
ئالپ ئارسلان ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، چېگرانى كېڭەيتىشتىن بۇرۇن يەتتە يىل ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئەھۋالنى تەكشۈردى. بۇ رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى.
ئۇنىڭ نىشانى سەلجۇق ئىمپېرىيىسىگە قوشنا بولغان خرىستىئان زېمىنلىرىنى فەتىھ قىلىش، شۇنداقلا مىسىردىكى فاتىمىلار (ئۇبەيدىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ۋە سەلجۇق ئىمپېرىيىسى بايرىقى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى. ئالپ ئارسلان ئۆز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ قوشۇن توپلىدى ۋە بۇ قوشۇن بىلەن بېشىدا ئەرمېنىيە ۋە گرۇزىيەگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ زېمىنلارنى فەتھى قىلدى ۋە ئۆز كونتروللۇقىغا ئالدى.
ئۇ يەنە بۇ رايونلاردا ئىسلامنى تارقىتىشقا تىرىشتى. ئالپ ئارسلان 414-ھىجرىيە يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، سالىھ ئىبنى مىرداس ئەلى قۇرغان شىئە مىرداسىلار ھاكىمىيتىنى ھەلەبتە مۇھاسىرىگە ئالدى. ئالپ ئارسلان بۇ پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمدارىنى فاتىمى خەلىپىسىگە بۇيسۇنۇشنىڭ ئورنىغا ئابباسىي خەلىپىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىدى ۋە خەلقنى ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشقا قايىل قىلدى.
ئاندىن ئالپ ئارسلان تۈرك يولباشچىسى ئەتنىس ئىبنى ئەۋق خەۋارىزىمىينى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. خەۋارىزىمىي رەملە ۋە قۇددۇسنى فاتىمىلاردىن تارتىۋالدى، ئەمما مىسىر چېگرىسىدىكى مۇھىم دەرۋازا بولغان ئەسقەلاننى فەتھى قىلالمىدى. شۇنداق قىلىپ، سەلجۇق قوشۇنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ۋە سەلجۇق سۇلتانلىقى دەۋرىدە قۇددۇسنى ئىگىلىدى.