Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 11, 2025 at 10:22 AM
ئىسلاموفوبىيە (ئىسلام دۈشمەنلىكى) ھادىسىسى ۋە دائىش تەشكىلاتىنىڭ رولى (ئۈچىنچى قىسىم) جۇنەيد زاھىد بۇ قىسىمدا بىز غەرب دۆلەتلىرىدە ئىسلاموفوبىيەنىڭ (ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ) تارقىلىش سەۋەبلىرى ۋە دائىش تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك رولى ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل ئېلىپ بارىمىز. 1- مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقى: دائىشقا ئوخشاش رادىكال ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن، دۇنيا مىقياسىدا ئىسلامدىن قورقۇش تۇيغۇسى كۈچەيدى. غەرب خەلقلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ئۇلار ئىسلام قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگەنگەندە، ئىسلامغا قايىل بولىدۇ، ئەمما دائىشنىڭ جىنايەتلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەندە، ئىسلامغا بولغان كۆز-قارىشى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، غەربلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئالاقىنىڭ يوقلۇقى، دائىشنى ئىسلام پىكرىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازى دەپ قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەتكە چىقسا، زوراۋانلىق، قىرغىنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ئومۇملىشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. 2- بۇزغۇنچى ۋە رادىكال ھەرىكەتلەر غەربلىكلەر ئىسلامغا مۇناسىۋەتسىز قىلمىشلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ زېھنىدە ئىسلام شۇنداق ئىكەن دېگەن تەسىرات پەيدا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ھادىسە مۇسۇلمانلار بىلەن غەربلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسلام دۇنياغا ھۆكۈمران بولسا، دائىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان تەشكىلاتلار تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ دېگەن پىكىرنى تەشۋىق قىلىدۇ. كىشىلەر دائىشنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، ھەرقانداق ئىسلامىي تۈزۈمدىن نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي ئىسلامنىڭ نەتىجىسى مۇشۇنداق ۋەھشىيلىك بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ. 3- سىياسىي مەنپەئەتلەر ئىسلاموفوبىيەنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، ئىسلامىي تۈزۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆز سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت دەپ قارايدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىدۇر. شۇڭا ئۇلار دائىم ئىسلامدىن قورقۇش تۇيغۇسىنى تارقىتىشقا تىرىشىدۇ. دائىش بۇ سىستېمىلىق ھۇجۇملارنىڭ مۇھىم قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئىسلاموفوبىيەنى (ئىسلام دۈشمەنلىكىنى) كۈچەيتىشتە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ھەرخىل جەمئىيەتلەردە ھەققانىيەتسىز سىياسەتلەر ۋە كۆپ مىقداردىكى پۇل ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە چىققانلار ئىسلام ۋە ئادالەتنىڭ تارقىلىشىغا ئەڭ قاتتىق قارشى چىقىدۇ. چۈنكى ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنىڭ تارقىلىشى ئۇلارنىڭ تەختىنىڭ يىمىرىلىشى، ھەيۋىسى ۋە ھوقۇقىنىڭ يوقىلىشى، خەلقلەرنىڭ زۇلۇم، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە مۇستەبىتلىكتىن قۇتۇلۇشى دېگەنلىك بولىدۇ. نۇرغۇن غەربلىكلەر چوڭقۇر غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئەڭ ياخشى تۇرمۇشتا ياشاۋاتىمىز دەپ ئوياليدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇلار چوڭ كۈچلەرنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغان، ساختا كۈلكىلەر ئارقىسىدا قاتتىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئىسلام بولسا ھەق ۋە ھەقىقەت دىنى سۈپىتىدە، ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادىل ھۆكۈمرانلىق تىكلەشكە تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا، غەرب بۇ قىممەت قاراشلار ۋە پىرىنسىپلار بىلەن ئىسلامنى قانداق قوبۇل قىلالىسۇن؟ شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە دائىش ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇرۇھلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىسلام ھاكىمىيەتكە چىقسا، دۇنيانى دائىش ۋاقىتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ئوخشاش قىلىۋېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. دائىش باشقۇرغان رايونلاردا قىرغىنچىلىق، ۋەيرانچىلىق، رادىكاللىق ۋە ۋەھشىيلىك ئەۋج ئالدى. مانا بۇ غەرب ئىسلام بىلەن باغلاشقا تىرىشىۋاتقان ئوبراز بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرماقچى ۋە نەپرەتلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
Image from Almirsad Uyghur: ئىسلاموفوبىيە (ئىسلام دۈشمەنلىكى) ھادىسىسى ۋە دائىش تەشكىلاتىنىڭ رولى ...

Comments