Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 12, 2025 at 04:35 AM
تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى بەشىنچى قىسىم ھارىس ئۇبەيدە مەككە ئەمىرى مۇھەممەد ئىبنى ھاشىمنىڭ ئەلچىسى ھىجرىيە 262-يىلى سۇلتان ئارسلاننىڭ سارىيىغا يېتىپ كېلىپ، مەككىدە خۇتبىنىڭ خەلىپە قائىم ۋە سۇلتان ئارسلاننىڭ نامى بىلەن ئوقۇلىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە فاتىمى ئىمپېرىيىسى (ئۇبەيدى دۆلىتى) ئەمەس، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ قانۇنلىرى بويىچە ئىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەلچى يەنە: كەلگۈسىدە مەككىنىڭ ئەزانلىرىدا «ھەييە ئەلەل ئەمەل» ۋە شىئەلەرنىڭ باشقا ئىبارىلىرى ئېيتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇلتان مەككە ۋەكىلىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، مەككە ۋالىيسىغا ئوتتۇز مىڭ دىنار ئەۋەتتى ھەمدە: «ئەگەر مەدىنە ۋالىيسىمۇ شۇنداق قىلسا، ئۇنىڭغىمۇ يەنە يىگىرمە مىڭ دىنار بېرىمەن» دېدى. ئالىپ ئارسلاننىڭ فەتھىلىرى رىم ئىمپېراتورى دومانۇس دىئوگېننى ئەندىشىگە سالدى. ئۇ ئىمپېرىيىسىنى قانداقلا بولمىسۇن قوغداشقا بەل باغلىدى ۋە سەلجۇقىيلارغا قارشى پۈتۈن قوشۇنىنى سەپەرۋەر قىلدى. سەلجۇق ۋە رىم قوشۇنلىرى ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بەردى. ھىجرىيە 463-يىلى (مىلادى 1071-يىلى) مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە «مالازگىرت ئۇرۇشى» يۈز بەردى. ئىبنى كەسىر بۇ ئۇرۇش ھەققىدە مۇنداق يازغان: بۇ دومانۇس ئۇرۇشىدا رىم ئىمپېراتورى تاغلاردەك چوڭ قوشۇنلارنى ئەۋەتتى. بۇ قىسىملاردا رىم، رۇسىيە، بېرىتانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەسكەرلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دومانۇس ئۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بۇ قوشۇنلاردا 35 پاترىك بار ئىدى. ھەر بىر پاترىكنىڭ ئىككى يۈز مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا 35 مىڭ فرانسۇز ۋە قۇستانتىنىيەگە تەۋە 15 مىڭ جەڭچىمۇ قاتناشتى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قوشۇندا يەنە 100 مىڭ نىقابلىق ئەسكەر ۋە 100 مىڭ پىيادە ئەسكەر بار ئىدى ۋە يەنە كىيىم-كېچەك، قورال-ياراغ، ئات ئىگەرلىرى، مەنچاناق ۋە قەلئە بۇزۇش ئەسۋابلىرىنى توشۇيدىغان 300 ھارۋا بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىڭ ئىككى يۈز ئادەم ھەرىكەتلەندۈرىدىغان مەنچاناقمۇ بار ئىدى. دومانۇس بۇ قوشۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر ئىدىكى، ئۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆز خەلقىگە ئىسلام رايونلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بەردى. ئۇلارنىڭ پىلانى ئىراق ۋە خوراساننى ئىگىلىگەندىن كېيىن تېز ھۇجۇم قىلىپ شام زېمىنىنى مۇسۇلمانلاردىن قايتۇرۇۋېلىش ئىدى. ئەمما تەقدىر ئۇلارنىڭ ئىستىكىگە قارشى يول تۇتتى ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلدى. [لعمرك إنهم لفي سكرتھم يعمهون] (الحجر: 72) «(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ» (ھىجر سۈرىسى: 72-ئايەت) سۇلتان ئارسلان ۋە رىم قوشۇنى چارشەنبە كۈنى زەھۋە رايونىدا ئۇچراشتى. زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بەش كۈن قالغان ئىدى. ئارسلان رىم قوشۇنىنىڭ سانىنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشتى. ئەمما ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ شەيخلىرىدىن بولغان فەقىھ ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمەلىك بۇخارى سۇلتانغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى سۇلتان ھەزرەتلىرى! جۈمە كۈنى ۋائىز خۇتبە ئوقۇپ مۇجاھىدلارغا دۇئا قىلغان ۋاقىتتا دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىڭ، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن سىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ» دېدى. ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ۋە ئىككى تەرەپ ئۇرۇشقا تەييارلانغاندا، سۇلتان ئالپ ئارسلان ئېتىدىن چۈشۈپ، بېشىنى زېمىنغا قويدى، ساقىلىنى توپىغا مىلىدى ۋە ئاللاھتىن ياردەم ۋە غەلىبە تىلەپ قوللىرىنى كۆتۈردى. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدى ۋە خرىستىئانلارنىڭ باشلىرىنى يەرگە ئۇردى. ئىسلام قوشۇنلىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى، رىم ئىمپېراتورى دومانوس ۋە قوشۇن قوماندانى ئەسىرگە چۈشتى. دومانوسنى بىر رىملىق قۇل تۇتۇۋالغان بولۇپ، رىم ئىمپېراتورى سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، سۇلتان ئۇنى قولى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇردى ۋە: «ئەگەر مەن ئەسىرگە چۈشۈپ سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن بولسام، ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلاتتىڭ؟» دەپ سورىدى. دومانوس: «مەن ساڭا ناھايىتى ناچار مۇئامىلە قىلاتتىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئالپ ئارسلان: «مېنى قانداق بىر ئادەم دەپ قارايسەن؟» دەپ سورىدى. دومانوس: «سەن مېنى يا ئۆلتۈرىسەن، يا دۆلىتىمدە رەسۋا قىلىسەن، ياكى كەچۈرۈم قىلىسەن، ياكى تۆلەم ئېلىپ قويۇپ بېرىسەن» دېدى. ئالپ ئارسلان: «مەن سېنى تۆلەم ئېلىپ قويۇپ بەرمەكچى» دېدى. سۇلتان ئۇنىڭدىن بىر مىليون بەش يۈز مىڭ ئەشرەفى ئالدى ۋە ئۇنى قويۇپ بەردى. كېتىش ئالدىدا، سۇلتان دومانوسقا ئىچىملىكلەر تەقدىم قىلدى. دومانوس سۇلتاننىڭ ياخشى ۋە مۇلايىم مۇئامىلىسىدىن قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئەگدى. سۇلتان مېھرىبانلىق يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا سەپەر خىراجىتى ئۈچۈن ئون مىڭ دىنار بەردى ۋە ئىمپېراتور يالغۇز سەپەر قىلمىسۇن دەپ بىر تۈركۈم ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىمپېراتورنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىر شەخسىي مۇھاپىزەتچىنى بىللە ئەۋەتتى. قاراۋۇللار بىلەن بىللە «لا إله إلا الله محمد رسول الله» دەپ يېزىلغان بايراق بار ئىدى. ئالپ ئارسلان ئون بەش مىڭدىن ئاشمايدىغان كىچىك قوشۇن بىلەن دومانوسنىڭ يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ ۋەقە رىملىقلارنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ رايونلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي زېمىنلىرىدىن ئىدى. سەلجۇقلارنىڭ بۇ چوڭ غەلىبىسى بىزانس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوسمانىيلار قولىغا چۈشكەنگە قەدەر تارىخىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى. ئالپ ئارسلان تەقۋادار ۋە دىيانەتلىك ئادەم ئىدى، غەلىبە ئۈچۈن ماددىي ۋە روھىي ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللاندى. ئۆلىمالارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلدى. بۇ كاتتا ئىسلام قوماندانى، يۈسۈف خارەزىمى ئىسىملىك بىر ئاسىينىڭ قولىدا شەھىد بولدى. سۇلتان ئالپ ئارسلان ھىجرىيە 465-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 10-كۈنى (مىلادىيە 1072-يىلى)دە شەھىد بولۇپ، مەرۋ شەھىرىدە ئاتىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىغا شاھنى ئىزباسار قىلىپ قالدۇردى.
Image from Almirsad Uyghur: تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى  بەشىنچى قىسىم  ھارىس ئۇبەيدە  م...

Comments