Almirsad Uyghur
Almirsad Uyghur
February 17, 2025 at 07:12 AM
سۈرىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى دائىش تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم قوماندانىنى قولغا ئالدى سۈرىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى «ئەبۇ مارىيە ئەل-قەھتانى»نىڭ شەھىد قىلىنىشىغا چېتىشلىق ۋە «سەييىدە زەينەب» نىڭ قەبرىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان دائىش قوماندانىنى قولغا ئالدى. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىستىخبارات دائىرىلىرىدىكى ئىچكى مەنبەلەر «ئەبۇ ھارىس ئەل-ئىراقى»نىڭ ئىراقتىكى دائىش تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكىنى ھەم تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەييارلاش ۋە تەشكىللەشتە نائىب (مۇئاۋىن) بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. «سانا» ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئەل-ئىراقى»نىڭ سۈرىيەدىكى نۇرغۇن ھۇجۇملارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سۈرىيەدىكى جىھاد ئەمىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولغان «ئەبۇ مارىيە ئەل-قەھتانى» (مەيسەرە ئەل-جەبۇرى)نىڭ شەھىد قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەتتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دوكلاتقا كۆرە، ئۆتكەن ئايدا دەمەشىقتىكى «سەييىدە زەينەب» قەبرىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان گۇرۇپپا «ئەبۇ ھارىس ئەل-ئىراقى»نىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، نىشانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، دائىش تەشكىلاتى يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى جەڭنى داۋاملاشتۇردىغەنلىقى بىلەن تەھدىت سالغان بولسىمۇ، يېقىنقى قولغا ئېلىشلار سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەھدىتلەرنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەھشىي، قان تۆكۈشكە تەشنا گۇرۇپپىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە سۈرىيە خەلقىنىڭ جان-مېلىنى قۇربان قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
Image from Almirsad Uyghur: سۈرىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرى دائىش تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم قوماندانىنى قول...

Comments