
Almirsad Uyghur
February 17, 2025 at 09:37 AM
دائىش تېرورچى تەشكىلاتىنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
ئەزىز خۇراسانىي
2015-يىلى 4-ئايدا، پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى بىر رايوندا قوراللىق قەبىلە گۇرۇھلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىلىپ، ھاپىز سەئىد خاننى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىدى. سەئىد خان شۇ چاغدىكى دائىش رەھبىرى ئىبراھىم ئەۋۋاد (ئەبۇ بەكرى باغدادى)غا بەيئەت قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، دائىش مەركىزىي رەھبەرلىكى ئەبۇ مۇھەممەد ئەدنانىنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى ئارقىلىق خوراسان شۆبىسىنىڭ تەشكىلاتقا رەسمىي قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھاپىز سەئىد خان خوراسان شۆبىسىنىڭ ئەمىرى، شەيخ ئابدۇلھەسىب لوگەرى مۇئاۋىن ئەمىر بولۇپ تەيىنلەندى. دەسلەپتە، بۇ شۆبىگە قوشۇلغانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس بولۇپ، پەقەت پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم رادىكال ۋە تەكفىرچى پىكىردىكى كىشىلەر، جۈملىدىن ئىسلام ئىمارىتى ۋە پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىدىن ئايرىلغان بەزى رادىكاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
بۇلاردىن باشقا، تەسىر كۈچى ۋە مۇستەقىل مەۋجۇتلۇقى ئاجىز بولغان بىر قىسىم كىچىك گۇرۇھلار، مەسىلەن: «گۈل زامان فاتىھ» گۇرۇھى، لال مەسچىتىگە تەۋە «ئۆمەر مەنسۇر» گۇرۇھى، «پىشاۋەرلىك ئوبەيدۇللاھنىڭ تەۋھىد ۋە جىھاد» گۇرۇھى، شەيخ ئابدۇلقاھىر باشچىلىقىدىكى «ئىسلام قەھرىمانلىرى» گۇرۇھى، كونېردىكى «شەيخ موھسىن» گۇرۇھى، ۋەزىرىستاندىكى مەرۋەت رايونىدىن «تەلھە» گۇرۇھى ۋە كورمە رايونىدىكى «دۆلەت مىر» گۇرۇھى قاتارلىقلارمۇ خوراسان شۆبىسىگە قوشۇلدى.
ۋەزىرىستان رايونىغا ئورۇنلاشقان، رادىكال تەكفىرچى پىكىردىكى ياكى باشقا جىھادى گۇرۇھلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئۆزبېك ۋە چەتئەللىك مۇھاجىرلار خوراسان شۆبىسىنىڭ دەسلەپكى ئادەم كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. پاكىستان ئارمىيىسى شىمالىي ۋەزىرىستاندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندا، بۇ جەڭچىلەر دائىشقا قوشۇلۇشنى تاللىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قەبىلە رايونلىرى ۋە نەنگارھارغا، يەنە بىر قىسمى زابۇل قاتارلىق باشقا ئافغان ۋىلايەتلىرىگە كۆچتى. بۇ دائىشنىڭ ئافغانىستان ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ باشلىنىشى بولدى.
خوراساندىكى دائىشنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرلىشى:
ئاتالمىش «خەلىپىلىك» ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، خوراسان شۆبىسىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەدرىجىي ئاجىزلىشىشىغىچە، دائىش يېقىنقى ئون يىللاردا ئىسلام ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولدى. بۇ تەشكىلات ئافغانىستاندا ئۆزىنى خەتەرلىك تەھدىت سۈپىتىدە ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولغان چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئادەم كۈچى ۋە مالىيە ياردىمىدىن مەھرۇم قېلىشى بولۇپ، ئافغان خەلقى بىلەن كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئاساس ياكى ئىدىيىۋى باغلىنىش ئورنىتالمىدى.
بۇ تەتقىقاتتا، خوراسان شۆبىسىنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى ۋەزىيىتىنى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىمىز.
خوراسان شۆبىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ۋەزىيىتى:
ئىسلام ئىمارىتى ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن بۇيان، خوراسان شۆبىسىنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى يىلمۇ-يىل ناچارلاشتى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى، نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرى ۋە تورلىرى پارچىلاندى، كۆپ ساندىكى جەڭچىلىرى يوقىتىلدى ياكى تۇتۇلدى. ئۆتكەن يىللاردىكى بۇ تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى ئىسلام ئىمارىتىنىڭ ئۇلارغا قارشى قاتتىق بىخەتەرلىك ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دائىش تەشكىلاتى 2023-يىلى ئافغانىستاندا تەخمىنەن 20 قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ 2022-يىلىدىكى 145 قېتىملىق ھۇجۇم ۋە ئىسلام ئىمارىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۇنجى يىلى بولغان 2021-يىلىدىكى 293 قېتىملىق ھۇجۇمغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەنلىگەن. مەنبەلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىماي، بارلىق سانلىق مەلۇماتلار خۇراسان شۆبىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
2023-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2024-يىلىنىڭ باشلىرىدا خاتىرىلەنگەن ھۇجۇملارنىڭ سانى نۆلگە يېقىنلاشقان بولۇپ، تەشكىلات 2024-يىلى پەقەت 16 قېتىملا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق دوكلاتلاردا بۇ سان 19 قېتىم دەپ كۆرسىتىلگەن). بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى گۇناھسىز پۇقرالار ۋە دىنىي ئازسانلىقلارغا قارىتىلغان.
ئافغانىستاندا ئۇچرىغان زەربىلەر سەۋەبىدىن، تەشكىلات ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دىققىتىنى پاكىستان قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن. قېچىپ كەتكەن ئەزالىرى ئۇ يەرلەردە بىخەتەر پاناھلىنىش ۋە قايتا تەشكىللىنىش ئۈچۈن باشپاناھ ئىزدىگەن.
تەشكىلاتنىڭ ۋاكالەتچى ئۇرۇشلار بىلەن باغلىنىشلىق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئىستىخبارات ۋە سىياسىي توقۇنۇشلاردا ئەرزان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىلىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ ئۇنىڭ رايوندىكى بەزى دۆلەتلەردە مۇرەككەپ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچقان. ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھىم ھۇجۇملىرى ئىچىدە 2024-يىلى يانۋاردا ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمى ۋە شۇ يىلى مارتتا رۇسىيەدىكى كروكس سىتى زالىغا قىلغان ھۇجۇمى بار.
ئىسلام ئىمارىتىنىڭ دائىشقا قارشى يۈرگۈزگەن ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ 2023-2024-يىللاردىكى پائالىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى:
ئىسلام ئىمارىتى دائىشقا قارشى كۆپ تەرەپمىلىك ئىستراتېگىيە بويىچە ھەرىكەت قوزغىغان بولۇپ، دەسلەپتە تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق بازىلىرىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، كۆپلىگەن جەڭچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئەسىر ئالغان.
ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىسلام ئىمارىتى ئادەتتىكى جەڭچىلەرنى يوقىتىش ۋە پائال گۇرۇپپىلارنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشكەن. نەتىجىدە يۈزلىگەن تەشكىلات ئەزالىرى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئەسىر ئېلىنغان، نۇرغۇن مەخپىي مەركەزلىرى ۋەيران قىلىنغان.
ئىككىنچى باسقۇچتا، ھەرىكەت تەشكىلاتنىڭ مەيدان قوماندانلىرى ۋە ئاخبارات مەسئۇللىرىنى نىشانغا ئالغان. بۇ نۇرغۇن قىسىملارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئاخبارات ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئېلىپ بارغان.
ئۈچىنچى باسقۇچتا، بۇ ھەرىكەتلەر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى نىشانغا ئالغان. نەتىجىدە رەھبەرلىرىنىڭ 95% ى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇراساندىكى تەشكىلاتنىڭ ئۈچ ئەمىرى: ئەسلەم فارۇقى، مەۋلەۋى زىيائۇددىن ئەھمەد ۋە شەيخ زىيائۇل ھەق زىيا، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن ھەربىي ۋە مەمۇرىي مەسئۇللار بار.
بۇ ئىزچىل ئېلىپ بېرىلغان زەربىلەر خۇراسان شۆبىسىنىڭ ئاساسەن گۇمران بولۇشىغا ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ھەربىي، مالىيە ۋە تەشكىلىي پائالىيەتلىرى كەسكىن تۆۋەنلىگەن. 2024-يىلىغا كەلگەندە، ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەبلەغ مەنبەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئايرىلغان، ھەتتا جەڭچىلىرىدىن ھەرىكەتلىرىنىڭ چىقىمىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
ئۇنىڭ ئادەم كۈچى ئاساسى ئاجىزلاشقان، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى پارچىلانغان، مەدەنىيەت ۋە دەۋەت رەھبەرلىكى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال كۆپلىگەن داڭلىق رەھبەرلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىشىغا مەجبۇر قىلغان. ئۇ يەردىن تۇرۇپ تەشكىلات، رايونلۇق توقۇنۇشلاردا قورال سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولغان بەزى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇملىرىنى پىلانلىماقتا.
ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، خۇراسان شۆبىسى دائىم ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. گەرچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەربىي، مالىيە ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. ئىلگىرىكىدەك ئافغانىستان ئىچىدە ياكى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەيۋىسى قالمىغان.
ئىسلام ئىمارىتىنىڭ دائىشقا قارشى يۈرگۈزگەن ھەرىكىتى ئافغانىستاننى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشقا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى تەھدىتىنى چەكلەشكە تۆھپە قوشقان. 2015-يىلى پۈتۈن رايوندا ھۇجۇم قىلالايدىغان بۇ تەشكىلات، بۈگۈنكى كۈندە پائالىيەتلىرى روشەن ھالدا چېكىنگەن ۋە ئىلگىرىكىدەك چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
