
Almirsad Uyghur
February 19, 2025 at 01:26 PM
دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى
ئەبۇ سەججاد ئىلھام
قەدىمكى خاۋارىجلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى قىياپىتى دەل دائىشتۇر. ئۇلار يەھۇدىيلار ۋە كاپىرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يوشۇرۇن بۆرىلەر بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى ئىسلامىي ھەرىكەتلەردىكى ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدلىرىنى يوققا چىقىرىشقا تىرىشماقتا.
ئۇلار كاپىر ۋە تاغۇت قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسىمۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا بۇ ۋەھشى ياۋايىلار جىنايەتچى تاغۇت تۈزۈملەرگە قارشى بىرمۇ ئوق ئېتىشقا پېتىنالمىدى. ئەكسىچە ئۇلار كۇفرى ۋە تاغۇتقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سەمىمىي مۇجاھىدلارنى نىشانغا ئالدى.
بۇلار ئىسلام خەلىپىلىكى نامى بىلەن كاپىرلارنىڭ سۇيقەستلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ سەمىمىي رەھبەرلىرىگە سۇيقەست قىلىدۇ. ئۇلار كۇپۇر ۋە زۇلۇمدىن كېلىپ چىققان، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۇپۇر ۋە زۇلۇمنىڭ زەھەرلىك ۋە رەزىل سۇيقەستلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ئۇل-ئاساسلارنى پارچىلايدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۈممەتنىڭ تېنى پالەچ بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ياشلىرىنى نىشان قىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارچىلاش ۋە ئازدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداقلا تەكفىر قىلىش، بىرلىكنى پارچىلاش ۋە باشقا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ.
دائىشلار يەھۇدىي ئىستىخباراتىنىڭ ئەڭ ئەرزان جاسۇسلىرى بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زامان پىرئەۋنلىرىگە قارشى ئىسلام دۇنياسىنى قوغداۋاتقان مۇجاھىد كۈرەشچىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.
بۇ خاۋارىجلارنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھازىرقى زاماندىكى دەججال تەشكىلاتلارنىڭ قارا تېزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن مۇجاھىد رەھبەرلەرنى يوق قىلىشتۇر. بۇ ۋەھشى خاۋارىجلار، جەڭ مەيدانلىرىدا ھەقنى قوغداپ جانلىرى بىلەن قۇربانلىق بەرگەن سەمىمى مۇجاھىدلارنىڭ قانلىرىنى تۆكتى ۋە شۇنداقلا شىرىك دېگەن نام بىلەن، شىرىككە ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنىڭ باشلىرىنى ئۈزۈۋەتكەن ئاللاھنى بىر دەپ بىلىدىغان مۇۋەھھىد كىشىلەرنى ھەم ئۆلتۈردى.
ئەگەر مېنىڭ بۇ يازغانلىرىمدىن بۇ خاۋارىجلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر شەخسىي غەزەپتىن كەلگەندەك ھېس قىلساڭلار، سىلەردىن ھۆرمەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە، ئۇلارنىڭ قىلىچى ۋە ئوقلىرى كىملەرگە قارىتىلغانلىقىغا، جىنايەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا كىملەرنىڭ بەدەنلىرى ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى ۋە ئوقلىرىدا قۇربان بولغانلىقىغا قاراپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ سوئاللارنى ئويلىنىپ كۆرسەڭلار، دائىشنىڭ غەربنىڭ ياللانما قوشۇنى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئىسلام دۇنياسىنىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكىلەرنىلا ۋە بۇ زوراۋانلارنىڭ پىكىرلىرىنى رەت قىلغانلارنىلا نىشانلايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىلەر. ئەڭ ئېچىنارلىقى، ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام ۋە ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىرىلدۈرۈش نامىدا قىلماقتا.
