
Almirsad Uyghur
February 21, 2025 at 06:47 AM
خاۋارىجلارنىڭ ئېنىقلىمىسى
سەككىزىنچى قىسىم
راشىد شەفىق
خاۋارىجلارنىڭ ئۇلۇغ ئىمامەت (خەلىپىلىك) ياكى ئۇلۇغ رەھبەرلىك ھەققىدىكى قارىشى:
بۇ مەسىلە خاۋارىجلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۇمەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئابباسىيلار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى بولغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئىمامەت (خەلىپىلىك) مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىگە قارشى تۇرغان ھاكىملارغا قىلىچ كۆتۈرگەن. چۈنكى ئۇلار پەقەتلا خەلىپە تاللاش ھوقۇقىغىلا قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ھاكىملارنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىنمۇ نارازى بولغان.
پىكرى جەھەتتىن، ئۇلار ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ) كىملىكى، سۈپەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي رولىنى بەلگىلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما ئۇلار ئۆز ئارا مۇنازىرىلەشكەندە خەلىپىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ساقلانغان، لېكىن رەقىبلىرى ئالدىدا ھېچقانداق يۇمشاقلىق كۆرسەتمىگەن.
خاۋارىجلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىمامەت (خەلىپىلىك) ھۆكمى:
ئىمامەت (خەلىپىلىك) مۇھىم مەنسەپ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياج. چۈنكى كىشىلەر جەمئىيەتتە ئاخىرقى ھوقۇق ئىگىسى بولغان، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىدىغان ۋە ئۈممەتنى قوغدايدىغان بىر ھۆكۈمران بولمىغۇچە تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ بارلىق ئەقىل ئىگىلىرى قوبۇل قىلغان ئىش. ئەمما خاۋارىجلار بۇ مەسىلىدە ئىككى تائىپىگە بۆلۈنگەن:
بىرىنچى تائىپە: خاۋارىجلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ تائىپە ئىمام (خەلىپىلىك) سايلاشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ ۋە خەلىپە ئۇلارنىڭ نەزىرىدە توغرا يولدا بولغان مۇددەتتە، ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا ياشاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن جەڭ قىلىدۇ.
ئىككىنچى تائىپە: بۇ تائىپە مۇھەككىمە، نەجدات ۋە بەزى ئىبازىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئەگەر كىشىلەر ئۆز-ئارا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئىمامغا(خەلىپىگە) ئېھتىياج بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئېھتىياج تۇغۇلۇپ قالسا، ئىمامەتكە(خەلىپىلىككە) لاياقەتلىك بولۇش شەرتى بىلەن ھەرقانداق قەبىلىدىن ئىمام (خەلىپە) تاللاشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئۇلارنىڭ دەلىللىرى:
1- «ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن شوئارنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ تاشقى كۆرۈنۈشتە ھۆكۈمەتكە ئېھتىياج يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
2- ھۆكۈم قىلىش ئىنساننىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى دەيدۇ.
3- ئاساسلىق ئېھتىياج شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش. ئەگەر كىشىلەر شەرىئەتنى ئىجرا قىلالىسا، خەلىپە سايلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
4- ئىمام (خەلىپە) كىچىك بىر جامائەت بىلەن بىللە تۇرۇپ، كۆپچىلىكتىن يىراقلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خەلىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پايدىسىز قىلىدۇ.
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلىپىلىرىگە مۇئەييەن يوليورۇقلارنى بەلگىلەپ بەرمىگەن.
6- قۇرئاندا ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ) مەۋجۇتلۇقى قەتئىي تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت «ئۇلارنىڭ ئىشى ئۆز ئارا مەسلىھەت بىلەن بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈملا بار.
لېكىن بۇ تائىپە ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ قالغانمۇ دېيىلسە؟ ياق. چۈنكى مۇھەككىمە تائىپىسى بۆلۈنۈش ۋاقتىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب راسىبىنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىغان. نەجدىيلەر بۆلۈنۈش ۋاقتىدا نەجدە ئىبنى ئامىرنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىپ تاللىغان. ئىبازىيلەر ھەققىدە ئۇلار ئىمام (خەلىپە) سايلاشنى رەت قىلىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، مەن كۆرگەن ئاساسلىق مەنبەلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بۇ قاراشنى ئۇلارغا قارشى يالغان تەشۋىقات قىلىدىغان دۈشمەنلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ.
خاۋارىجلاردىكى ئىمام (خەلىپە) تاللاش شەرتلىرى:
خاۋارىجلار ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئۈچۈن قاتتىق شەرتلەرنى بەلگىلىگەن، ئۇلار:
1- ئىمام (خەلىپە) قەتئىي، سەمىمىي، تەقۋادار ۋە ئىسلام ئەقىدىسىگە سادىق بولۇشى كېرەك.
2- كۈچلۈك شەخسىيەت، كۈچلۈك ئىرادە، ياخشى پىكىر، جاسارەت ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.
3- گۇناھ-مەئسىيەت، ئويۇن-تاماشا بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.
4- تەۋبە قىلغان بولسىمۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولماسلىقى كېرەك.
5- بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن سايلىنىشى كېرەك، بەزى كىشلەرنىڭ تاللىشى يېتەرلىك ئەمەس.
خاۋارىجلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتىكى شوئارى ئىمامنىڭ (خەلىپىنىڭ) نەسەب ۋە ئىرقتا ئەۋزەل بولۇشى كېرەك ئەمەس دېگەندىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما قەلبلىرىدە مۇتەئەسسىپلىك بار ئىدى. ئۇلار يەنە ئىمام (خەلىپە) سايلاش «ئەھلۇ ھەل ۋەل-ئەقد» نىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بولىدۇ دېگەن. ئەمما بۇ بەزى شەرقشۇناسلار، خاۋارىجلارغا نىسبەت بەرگەندەك خاۋارىجلار پەيدا قىلغان پىرىنسىپ ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي پىرىنسىپتۇر.
ئۇلار «خىلاپەت قۇرەيشتە بولىدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسكە دىققەت قىلمىغان ۋە ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئۈچۈن قۇرەيش نەسەبى شەرتىنى قوبۇل قىلمىغان.
ئەۋزەل ئەمەس كىشىنى ئىمام (خەلىپە) قىلىپ تاللاش:
خاۋارىجلار بۇ مەسىلىدىمۇ ئىختىلاپ قىلغان. ئەگەر تېخىمۇ ئەۋزەل كىشى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىنى ئىمامەتكە (خەلىپىلىككە) تاللاش دۇرۇسمۇ؟
1- بەزى خاۋارىجلار بۇنى قوبۇل قىلمىغان ۋە بۇ خاتا، ئىمامەت (خەلىپىلىك) ئەۋزەلنىڭ ھەققى دېگەن.
2- يەنە بىر تائىپە بۇنى دۇرۇس دەپ قارىغان. تېخىمۇ ئەۋزەل كىشى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىشىنىڭ ئىمامىتىنى (خەلىپىلىكنى) توغرا دەپ قارىغان.
ئايال كىشىنىڭ ئىمامەتچىلىكى:
ئىمامەت (خەلىپىلىك) كەڭ پىكىر، كۈچلۈك نەزەر ۋە ئالاھىدە ماھارەتلەرنى تەلەپ قىلىدىغان چوڭ مەسئۇلىيەت. ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەرلەرگە خاس قىلغان. ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەرلەرنى تاللىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك. بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى خىلاپەتنىڭ ئايال كىشىگە مۇناسىپ ئەمەسلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.
ئەمما خاۋارىجلار ئىچىدىكى «شەبىيبە» پىرقىسى ئايال كىشىنىڭ ئىمامىتىنى (خەلىپىلىكنى) دۇرۇس دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى شەبىبنىڭ، غەزالەنى (بەزىلەر ئۇنى ئايالى، بەزىلەر ئانىسى دەپ قارايدۇ) ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىمام (خەلىپە) بولۇشقا تاللىغانلىقىدۇر.
