
Almirsad Uyghur
February 22, 2025 at 05:12 PM
تارىخ بەتلىرىدىن؛ ئوسمانلى خەلىپىلىكى
سەككىزىنچى قىسىم
ھارىس ئۇبەيدە
سەلجۇق دۆلىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى:
مەلىكشاھنىڭ بەركىياق، مۇھەممەد سەنجار ۋە مەھمۇد دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. مەھمۇد كېيىن ناسىرىددىن مەھمۇد دەپ تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىنغاندا تېخى كىچىك بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى تۈرك ئايال بولۇپ، مەلىكشاھ دەۋرىدە يۇقىرى ئورۇن ۋە ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى.
مەھمۇد ئىككى يىلغا يېقىن (ھىجرىيە 485-487 / مىلادىيە 1092-1094) ھۆكۈم سۈردى. ئۇ ۋە ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، رۇكنىددىن ئەبۇ مۇزەففەر بەركىياق ئىبنى مەلىكشاھ تەختكە چىقتى ۋە ھىجرىيە 498 / مىلادىيە 1105-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكنىددىن مەلىكشاھ ئىككىنچىگە بەيئەت قىلىندى، ئەمما شۇ يىلى مەلىكشاھ ئىككىنچىدىن كېيىن غىياسۇددىن ئەبۇ شۇجا مۇھەممەد ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى ۋە ھىجرىيە 511 / مىلادىيە 1128-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى.
سەلجۇق دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى غىياسۇددىن ئەبۇ شۇجا مۇھەممەد بولۇپ، ئۇنىڭ پايتەختى ماۋەرائۇننەھىر ئىدى. ئۇنىڭ كۈچى خوراسان، ئىران ۋە ئىراققىچە سوزۇلغان ئىدى. ئاخىرىدا ھىجرىيە 522 / مىلادىيە 1128-يىلى، سەلجۇق ئىمپېرىيەسى خاۋارىزىم ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قولىدا ئاخىرلاشتى.
كاتتا سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، سەلجۇقلار قالايمىقانچىلىققا چۈشۈپ قالدى، بىرلىكى پارچىلاندى ۋە كۈچى شۇنچىلىك ئاجىزلاشتىكى، ئۇلار بىر قانچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دائىم تەخت ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلاتتى، بۇ كاتتا پادىشاھلىق كىچىك پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
بۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئەمەس ئىدى ۋە سۇلتان توغرۇلبەگ، سۇلتان ئالپ ئارسلان ۋە مەلىكشاھ دەۋرىدىكىدەك بىرلىككە كەلمىگەن ئىدى. ھەر رايون مۇستەقىل بولۇپ، ھەر رايوننىڭ ئۆز پادىشاھى بار ئىدى ۋە بۇ كىچىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم يوق ئىدى.
بۇ ئەھۋال نەتىجىسىدە ماۋەرائۇننەھىردە خاۋارىزىم ئىمپېرىيەسى دەپ ئاتالغان يەنە بىر كۈچ پەيدا بولدى. بۇ ئىمپېرىيە موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىقىغا بىر ئەسىر قارشى تۇردى. خاۋارىزىم ئىمپېرىيەسى بىلەن بىرگە شىمالىي ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى سەلجۇق دۆلىتىمۇ كۈچەيدى، بۇ دۆلەت ئاتابەگ دەپ تونۇلغان ئىدى. بۇ پۇرسەتتە يەنە رۇم سەلجۇق ئىمپېرىيەسى قۇرۇلدى، ئۇ سەلىب ئۇرۇشلىرىنى توختاتتى ۋە ئانادولۇنىڭ شىمالىي-غەربىي رايونىنى دۈشمەن كۈچلىرىدىن قوغداپ قالدى، ئەمما بۇ ئىمپېرىيە موڭغۇل ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى ۋە ئاخىرىدا بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.
سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار بولۇپ، بۇ يەنە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشىگىمۇ يول ئاچتى.
بۇ سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- سەلجۇق سۇلالىسى دەۋرىدە قېرىنداشلار، جىيەنلەر ۋە نەۋرىلەر ئارىسىدا تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى پەيدا بولدى.
2- بەزى ئېسىلزادىلەر ۋە ۋەزىرلەر سەلجۇق ھۆكۈمدارلىرى ئارىسىدا پىتنە-پاسات تارقاتتى.
3- ئايال كىشىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى.
4- ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ، سەلجۇق ھەربىي كۈچلىرى ئالدىدا ئاجىزلىشىشى ۋە ھەر بىر كۈچلۈك سەلجۇق پادىشاھىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويۇشى، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خۇتبىگە كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇ ھەقتە ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى ئالماسلىقى.
5- سەلجۇق دۆلىتىنىڭ سۈرىيە، مىسىر ۋە ئىراقنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىشى.
6- سەلجۇقلارنىڭ ھەر خىل گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولدى، بۇ ھەتتا ئىراقتىكى ئىمپېرىيەسىنىڭمۇ ئاخىرلىشىشىغا ئېلىپ باردى.
باتىنىيلار تەرىپىدىن سەلجۇق ئىمپېرىيەسىگە قارشى سۇيىقەستلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى (ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ ئەزاسى ھەسەن ئىبنى سابباھ ئالىملارنى، ۋەزىرلەرنى، ئىمپېرىيە ئەزالىرىنى ۋە مۇسۇلمان ئۈممىتىنى نىشان قىلغان مەخپىي ھەرىكەت تەشكىللىگەن)، سىرتتىن ئەھلى سەلىبلەرنىڭ كېلىشى ۋە ياۋروپادىن كەلگەن ياۋايى جەڭچىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلار بۇ ئىمپېرىيەنىڭ چېكىنىشىنىڭ (يىمىرلىشىنىڭ) سەۋەبلىرى ئىدى.
ئەمما سەلجۇقلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇن بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- سەلجۇق ئىمپېرىيەسىنىڭ تۈپەيلىدىن ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ يىمىرىلىشى تەخمىنەن ئىككى ئەسىر كېچىكتۈرۈلدى. سەلجۇقلار بولمىغان بولسا، ئابباسىيلار خەلىپىلىكى باتىنىي ۋە راپىزىلارنىڭ قولىدا بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى.
2. سەلجۇقلارنىڭ مىسىردىكى ئۇبەيدىي (فاتىمىي) ئىمپېرىيەسىگە كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەشرىقتىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرى باتىنىي ئۇبەيدىي دۆلىتىنى قوبۇل قىلمىدى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ يامان مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشمىدى.
3- سەلجۇق دۆلىتىنىڭ تىرىشچانلىقى شەرقىي ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ باشلىنىشى بولدى. بۇ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ بايرىقى ئاستىدا سۈننىي ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا تاماملاندى.
4- سەلجۇقلار ئۆزلىرى كونترول قىلغان رايونلاردا ھەربىي تەرەققىيات ۋە تىنچلىق جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.
5- سەلجۇقلار، بىزانس ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە موڭغۇل تەھدىتىنى زور دەرىجىدە يوقىتىشقا تىرىشتى.
6- سۈننىي مەزھەپنىڭ دەۋىتىنى بۇ رايونلارغا كىرگۈزدى ۋە دىنىي ئالىملارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى.
مانا بۇ سەلجۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە خۇلاسە. شۈبھىسىزكى، بۇ باتۇر مۇجاھىدلار ھەققىدە ئاساسسىز يالغان باياناتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە دىققەتنى قارىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن، ئۇستاز نەجىب زېب ئەل-ئىسامىنىڭ «مەغرىب ۋە ئەندەلۇس» ناملىق ئومۇمىي ئېنسىكلوپېدىيەدىكى سۆزلىرى، ئۇ ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك باتىل سۆزلەرنى نىسبەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا تۆھمەت قىلىشتا ھەر قانداق تىرىشچانلىقنى ئايىمىغان.
