
Almirsad Uyghur
February 24, 2025 at 06:22 PM
دائىش خاۋارىجلىرى: غەربنىڭ ئىسلامغا قارشى يېڭى قورالى
تۆتىنچى قىسىم
ئېھسان ئەرەب
خاۋارىجلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىسلامنى سەت كۆرسىتىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي نازىل بولۇشتىن باشلاپ بۈگۈنگىچە، شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسلامنى يوقىتىش ۋە بۇرمىلاشتا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشتىن توختاپ باققىنى يوق. ئۇلارنىڭ نىشانى مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە بۇ مۇبارەك دىننىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر.
قۇرەيش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىدىن ئەنسىرىگەندە ۋە ئاللاھنىڭ كالامىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى يەتمىگەندە، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاشقا يۈزلەندى.
ھەج مەۋسۇمىدا، ھاجىلار مەككىگە كەلگەندە، قۇرەيش باشلىقلىرى يول بويىدا ئولتۇرۇپ كىشىلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇلاق سېلىشتىن توسۇپ، ئۇنى يالغاندىن سېھىرگەر ۋە يالغانچى دەپ سۈپەتلەيتتى (ئاللاھ ساقلىسۇن). ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ئەڭ راستچىل ۋە ئەڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى.
بۈگۈن، ئىسلام دۈشمەنلىرى يەنىلا ئىسلامنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ سۈرىتىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن ئوخشاش ھىيلىلەرنى قوللانماقتا. غەرب دۇنياسى ئىسلامنى بۇرمىلانغان شەكىلدە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن غەرب خەلقلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك توساق قۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشكە تىرىشماقتا.
دائىش.. ئىسلامنى سەت كۆرسىتىشنىڭ زامانىۋى قورالى
ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى بۇرمىلاشتا ئىشلىتىلگەن ئەڭ مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى جىنايەتچى خاۋارىج گۇرۇھى بولۇپ، غەرب ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۈچەيتىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇرمىلانغان چۈشەندۈرۈشىنى ئىسلامنىڭ ھەقىقىي سۈرىتى دەپ تەقدىم قىلماقتا. بۇ ئارقىلىق دۇنيانى بۇ دىننىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى بولماقتا.
دائىش خاۋارىجلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى ۋولليۋود كىنو ئۇسلۇبىدا سۈرەتكە ئېلىشى، خۇددى دۇنياۋى كىنولار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېژىسسورلۇقتا رىقابەتلىشىۋاتقاندەك قىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس!
بۇ گۇرۇھ تارقاتقان، ئىسلام تەلىماتلىرىغا پۈتۈنلەي زىت بولغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلەر ھەر بىر ئەقىللىق كىشىدە نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ: دۇنيا بويىچە قورشاۋغا ئېلىنغان ۋە قوغلىنىۋاتقان بىر گۇرۇھ قانداقمۇ بۇنداق تېزلىكتە ۋە كەڭ دائىرىدە ۋىدېئولىرىنى تارقىتالايدۇ؟!
جاۋاب ئېنىقكى: ئۇ غەربنىڭ يوشۇرۇن قوللىشىدۇر!
بۇ سوئالنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىتى غەربنىڭ بۇ گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىدۇر. شۇنداق! غەرب ئاخباراتى دائىشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى تەشۋىق قىلىشتا بىرىنچى مەسئۇل بولۇپ، ئىسلامغا قانلىق سۈرەت سىزىش ۋە دۇنيانى ئۇنىڭ تېررورلۇق دىنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە شۇنداق قىلماقتا.
ئەمما يوشۇرۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئىسلام دائىش ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدادۇر، خۇددى كۈننى غەلۋىر بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك!
